تاۋار ماركىسىنى نېمە ئۈچۈن رويخەتتىن ئۆچۈرۈش كېرەك؟

تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئۆزى ياكى باشقىلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ياكى قىسمەن رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنىڭ قانۇن تەرتىپىنى كۆرسىتىدۇ.
« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 46- ماددىسىدا: « قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلىتى توشقاندا، ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاش توغرىسىدىكى قارارىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارى، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ساقلاپ قېلىش ياكى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاش توغرىسىدىكى كېسىمى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ قارارى ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارى، كېسىمى كۈچكە ئىگە بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
50-ماددا: رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بىكار قىلىنغان، كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلانغان ياكى مۇددىتى توشۇپ داۋاملىق ئىشلىتىلمىگەن بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىكار قىلىنغان، كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلانغان ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە، شۇ تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىمايدۇ.
54-ماددا: ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش ياكى بىكار قىلماسلىق قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
55-ماددا: قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشقاندا، ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش قارارىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش قارارى، قايتا تەكشۈرۈش قارارى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بىكار قىلىنغان رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئېلان چىقىرىدۇ، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئاخىرلىشىدۇ. تۆۋەندە تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشتە دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىمىز.
1. تاۋار ماركىسىنى نېمە ئۈچۈن رويخەتتىن ئۆچۈرۈش كېرەك؟
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن، كارخانا كۆپ مىقداردا تەننەرخ سەرپ قىلىپ كۈندىلىك ئاسراش ئېلىپ بارىدۇ، مەسىلەن، ئۆزگەرتىش، ئىجازەت بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق نۇرغۇن تەرتىپلەرنى بىرلىكتە بېجىرىشكە توغرا كېلىدۇ، كارخانا تەرەققىي قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن تاۋار ماركىلىرى ئەمەلىيەتتە كېيىنكى مەزگىلدە كارخانىغا نىسبەتەن قىممىتى يۇقىرى بولمايدۇ. شۇڭا، بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا بۇ قىممىتى يوق تاۋار ماركىلىرىنى بىكار قىلىپ، باشقۇرۇش تەننەرخىنى تېجەشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى تاۋار ماركىلىرىنى قىسمەن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە توغرا كەلگەندە، دۆلىتىمىزدە تاۋار ماركىسىنى ئايرىپ بېرىش تۈزۈمى بولمىغاچقا، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە تېگىشلىك بىر قىسىم تاۋارلار ئۆچۈرۈۋېتىلىشى (رويخەتتىن ئۆچۈرۈلۈشى) ، قوبۇل قىلغۇچىغا رويخەتكە ئالدۇرۇش بوشلۇقى قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتىمۇ رويخەتتىن ئۆچۈرۈش تەرتىپى قوللىنىلىدۇ.
2. تاۋار ماركىسى گۇۋاھنامىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
تاۋار ماركىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە قايتۇرۇش كېرەك. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى جەمئىيەتكە تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئېلانى چىقىرىپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىغا شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بىكار قىلىنغان، كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلانغان ياكى مۇددىتى توشۇپ داۋاملىق ئىشلىتىلمىگەن بولسا، بىكار قىلىنغان، كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلانغان ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى شۇ تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىمايدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 

ھەمبەھىرلەش