تاۋار ماركىسىنى باھالاش دېلوسىنىڭ ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇمات دەلىل-ئىسپاتىنىڭ يېتەكچىلىك تەتقىقات دوكلاتى.

« بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» دىكى« دەلىل-ئىسپات ئۆلچىمىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش» ، « دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ يېتەكچىلىك قىلىش» ، « ھوقۇق ئىگىسىنىڭ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش» قاتارلىق تەلەپلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تاۋار ماركىسىنى باھالاش دېلوسىدىكى ئېلېكترونلۇق سانلىق ئاساسلارنىڭ دائىرىسى، ئىسپات ئېلىش تەلىپى ۋە تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلىش قائىدىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان مەخسۇس ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات ئىسپاتى ۋە تەكشۈرۈش قىبلىنەماسىنى تۈزۈپ چىقىپ، تاۋار ماركىسىنى باھالاش دېلوسىدىكى ئىسپات ئېلىش قىيىن بولۇش، ئىسپات بېرىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك بۇ ئارقىلىق دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، 2020-يىلى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى« تاۋار ماركىسىنى باھالاش دېلوسىدىكى ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇمات دەلىل-ئىسپات قائىدىسى» تېما تەتقىقاتىنى باشلايدۇ، ھەمدە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن شۆيۈەنىدىكى ليۇ پىنغا ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش تەتقىقات كوللېكتىپىغا تېما تەتقىقات خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھاۋالە قىلدى. نۆۋەتتە، بۇ تېما ئاخىرقى مەزگىلدە باھالىنىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتتى. 
بۇ تېما تەتقىقاتى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى قانۇن ـ نىزام ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا قويۇپ، تاۋار ماركىسىنى باھالاش خىزمىتىدە دېلو كۆپ بولۇش، دەلىل ـ ئىسپات مۇرەككەپ بولۇش، سوت قىلىش سۈرۈكى قىسقا بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئادىللىق ۋە ئۈنۈمگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ، دېلونى سوت قىلىش ئەمەلىيىتىدە ساقلانغان مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە ئېنىق جاۋاب بەردى، شۇنداقلا ئالاقىدار ۋاكالەتچىلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ئىسپات ئېلىش، دەلىل ـ ئىسپات كۆرسىتىش، يۈزلەشتۈرۈشنى توغرا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىي مەشغۇلات خاراكتېرىگە ئىگە قىلدى. تېما نەتىجىسى« تاۋار ماركىسىنى باھالاش دېلوسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات دەلىل-ئىسپاتىنى يېتەكلەش» تەكلىپ لايىھەسى، يانداش كۆرسەتمە ماددىمۇماددا يەشمىسى ۋە يېتەكچى دېلو ئۆرنەكلىرى توپلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
باھالاش دېلولىرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتتىن دەلىل-ئىسپات ئېلىش، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش، تەكشۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تاۋار ماركىسىنى باھالاش دېلوسىنى قاراپ چىقىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو تاۋار ماركىسى تورىدا ئالاھىدە تېما تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، باھالاش دېلولىرىدىكى ئالاقىدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بۇ يېتەكچىلىكتىن پايدىلىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتتىن دەلىل-ئىسپات ئالسا، دەلىل-ئىسپات كۆرسەتسە ۋە يۈزلەشتۈرسە بولىدۇ، باھالىغۇچىلار ئالاقىدار ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرگەندە بۇ يېتەكچىلىكتىن پايدىلانسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات دەلىل-ئىسپاتىنى تاپشۇرۇش، ئىشىنىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارغا يېقىندىن ئەگىشىپ، « تاۋار ماركىسىنى باھالاش دېلولىرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات دەلىل-ئىسپاتىنى يېتەكلەش» نى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېيىنكى قەدەمدە« تاۋار ماركىسىنى باھالاش دېلولىرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات دەلىل-ئىسپات قائىدىسى» نى تۈزۈپ ئېلان قىلىشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش