« 2020- يىللىق تاۋار ماركىسىغا بولغان باشقىچە پىكىر، باھالاش تىپىك دېلو مىساللىرى» رەسمىي ئېلان قىلىندى

4 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ئېچىۋېتىش كۈنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى شۆبە يىغىن مەيدانىدا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈي شۇدۇڭ«2020 ـ يىللىق تاۋار ماركىسىغا بولغان باشقىچە پىكىر، باھالاش تىپىك دېلو مىساللىرى»نى ئېلان قىلدى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى باشقىچە پىكىرنى تەكشۈرۈش 4 ـ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ لى، باھالاش 8 ـ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دۈەن شياۋمېي تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئايرىم ـ ئايرىم يېشىپ چۈشەندۈردى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى ياۋ خۈەنچىڭ، بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈچىنچى كوللېگىيەسىنىڭ باشلىق ياردەمچىسى پەن ۋېي باھا بەردى.
2020- يىللىق تاۋار ماركىسى ھەققىدىكى باشقىچە پىكىر دېلو مىسالى:(1) ئالاقىدار شىركەتلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا نامىنى بىرلىشىپ تالىشىپ ماركىغا تىزىملىتىۋېلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى قوغدايدىغان« يورۇق ئىلاھ» تاۋار ماركىسى توغرىسىدىكى باشقىچە پىكىر دېلوسى؛ (2)داڭلىق تور ئويۇنى ئوبرازىنىڭ نام ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش ئەمگەك نەتىجىسىنى قوغدايدىغان« ساۋكې جەمەتى ساۋجىڭماۋ قورۇمىسى» تاۋار ماركىسىغا قارىتا باشقىچە پىكىر بېرىش دېلوسى؛ (3)ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلماي، زور مىقداردا يامان غەرەزلىك تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلغان« جۇڭجىخاڭ» تاۋار ماركىسىغا باشقىچە پىكىر بېرىش دېلوسى؛ (4)يامان غەرەزدە چەت ئەلنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسىنى پارچىلاپ ئىلتىماس قىلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش ، تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئالدىن ئېرىشكەن ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان« ياخشى 100 يىل» ، « مېڭدوجىيالى» تاۋار ماركىسىغا باشقىچە پىكىر دېلوسى؛(5) باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش داڭلىق كارخانىلارنىڭ سودا ئىناۋىتىنى قوغدايدىغان« ئاپېلسىن گۈرۈچى CNMI» تاۋار ماركىسىغا بولغان باشقىچە پىكىر دېلوسى.
2020-يىللىق تاۋار ماركىسىنى باھالاش تىپىك دېلو مىساللىرى بولسا: (1)ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلمىغان يامان غەرەزلىك تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇلغان 97 پارچە« يۇن توڭ» يۈرۈشلۈك تاۋار ماركىسىنى ئىناۋەتسىز ئېلان قىلىش دېلوسىغا قاتتىق زەربە بېرىش؛ (2)ئۈچ ئۆلچەملىك تاۋار ماركىسىنى روشەن ۋە فۇنكسىيەلىك تەكشۈرۈش، كۆرۈنەرلىك بولغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشتە يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئۈچ ئۆلچەملىك تاۋار ماركىسىنى رەت قىلىش دېلوسىغا قاتتىق زەربە بېرىش؛(3) رەڭلىك بىرىكمە تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈشتە يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، مىللىي جابدۇقچىلىقتىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان رەڭلىك بىرىكمە تاۋار ماركىسىنىڭ ئىناۋەتسىزلىكىنى جاكارلاش دېلوسى؛ (4)تۇنجى قېتىم ئاغزاكى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇرەككەپ پاكىتلارنى تەكشۈرۈپ،ئالدىن ئىشلىتىش ھوقۇقى بار يوق؛لىقىنى ئېنىقلاپ ئىناۋەتسىرلىكى جاكارلانغان«شاڭخەي ھىكايىسى»ناملىق ماركا دىلوسى؛(5)تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچى ئورۇنلىرىنىڭ قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ،يامان غەرەزدە تاۋار ماركىسىنى تالىشىپ ئىلتىماس قىلىش ۋە بېسىپ قويۇش قىلمىشىنى يىلتىزىدىن تۈزەتكەن« ساھىبجامال» تاۋار ماركىسىنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاش دېلوسى.
سۈي شودۇڭ مۇنداق دېدى: تاۋار ماركىسىغا بولغان باشقىچە پىكىر ۋە باھالاش تەرتىپى ھوقۇق بېرىش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى مەنبەدىن قوغداشنى كۈچەيتىش، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىماقتا. 2020- يىلى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىغا بولغان باشقىچە پىكىر دېلوسىنى تەكشۈرۈشنى تاماملىدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 64.7 ئاشتى؛ تۈرلۈك تاۋار ماركىسىنى باھالاش دېلولىرىدىن 358 مىڭنى سوت قىلدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 7.8 ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 25 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئېلىش ۋە بېسىمدارلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، « داڭلىق ماركىغا بېقىنىش» ، « قىزىق نۇقتا» قاتارلىق تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش ھەرىكەتلىرىنى تۈزۈتۈپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنى توغرا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئېڭى تۇرغۇزۇشقا پائال يېتەكلەپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشى ئۈچۈن ياخشى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىدۇ.
جۇڭگو بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش گېزىتى تېز يوللانما ھېسابات نومۇرى كۆرۈنمە چاستوتىلىق بىۋاسىتە تارقىتىشى، جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇر تورى سۈرەتلىك بىۋاسىتە تارقىتىشى، « بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاۋازى» بەيدۇ ھېسابات نومۇرى كۆرۈنمە چاستوتىلىق بىۋاسىتە تارقىتىشىدا بىۋاستە تارقىتىلدى، كۆرۈلۈش سانى تەخمىنەن 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

مەنبەسى:دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ماركا ئىدارىسى توربېكىتى


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش