ھەر ساھەدىكى ئەزىز مېھمانلار جۇڭگو تاۋار ماركىسى بىناسىغا كىرىپ 21-قېتىملىق دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈنىنى تەبرىكلىدى

4 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، 21 ـ قېتىملىق دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈنى پەيتىدە، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى جۇڭگو ئىش بېجىرىش ئورنى، جۇڭگو ـ چەت ئەل كارخانىلىرى، تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى، كەسپىي جەمئىيەت، ئالىي مەكتەپ، سوت مەھكىمىسى، يەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەم تاراتقۇ ۋەكىللىرى قاتارلىق ھەر ساھەدىكى ئەزىز مېھمانلاردىن بولۇپ 50دىن ئارتۇق كىشى جۇڭگو تاۋار ماركىسى بىناسىدا دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ئېچىۋېتىش كۈنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى شۆبە يىغىن مەيدانىدا پائالىيەتكە قاتناشتى. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جياڭ رۈيبىن قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈي شۇدۇڭ« 2020 ـ يىللىق تاۋار ماركىسىغا بولغان باشقىچە پىكىر، باھالاش تىپىك دېلو مىساللىرى» نى ئېلان قىلدى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ 1 ـ دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ياۋ كۈن پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.
جياڭ رۈيبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « 13-بەش يىل» مەزگىلىدە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ« بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش» قاتارلىق مۇھىم يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاۋار ماركىسى ئاپپاراتى ئىسلاھاتى ۋە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش يولى ئاز، تەرتىپى كۆپ بولۇش قاتارلىق قولايسىز مەسىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، تەكشۈرۈش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقاردى، تەكشۈرۈش سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈرئەتتە تەكشۈرۈشتىن يۇقىرى سۈپەتتە تەكشۈرۈشكە ئۆزگىرىش دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى .تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇشقا زەربە بېرىش تېخىمۇ قاتتىق ۋە كەسكىن بولدى، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تەرتىپى ساپلىشىشقا باشلىدى. تاۋار ماركىسى، داڭلىق ماركا ئىستراتېگىيەسى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. مادرىد خەلقئارا رويخەتكە ئالدۇرغان ۋە كوللېكتىپ ئىسپات تاۋار ماركىسى كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىشىغا ياردەم بەردى، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، تاۋار ماركىسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆپ يول يۈرۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
جياڭ رۈيبىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل« 14 ـ بەش يىل» نىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 25 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئېلىش قىلمىشىغا سىجىل زەربە بېرىپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە تىجارەت ـ سودا مۇھىتى يارىتىشقا كۈچ قوشۇپ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ۋە ھەر ساھەدىكى ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانى بىلەن بىر مىنۇتلۇق ھەمتۈرتكە كۆرگەزمە پائالىيىتى ھالقىسىدا، ئاساسىي يىغىن مەيدانى رەھبەرلىرى، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى توققۇز جايدىكى شۆبە يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ھەمتۈرتكە بولۇپ، يىللىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كاتتا مەرىكىسىنى ئورتاق تەبرىكلىدى. قىسمەن ئەزىز مېھمانلارنىڭ ۋەكىللىرى تاۋار ماركىسى ئارخىپ ئامبىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دۆلىتىمىزنىڭ تاۋار ماركىسى خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئىگىلىدى؛ تاۋار ماركىسىنى توردا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈش ئارقىلىق، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى؛ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، خىزمەتچى خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ، قىزغىن، ئەلا مۇلازىمەت قىلىشىنى ھېس قىلدى. بىر قىسىم مېھمانلار دېلو مىسالىنى ئېلان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسىنى يامان غەرەزدە رويخەتكە ئالدۇرۇشقا زەربە بېرىپ، ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى خىزمەت تەدبىرلىرى ۋە ئۈنۈمىنى ھېس قىلدى.
پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلار بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:26 ـ ئاپرېلدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى  بايرىمىدا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە كىرىپ ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشالىشى ئىنتايىن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېكىسكۇرسىيە ئارقىلىق، تاۋار ماركىسى خىزمىتىگە قارىتا تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق؛ مۇتەخەسسىسلەر تىپىك دېلو مىساللىرىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ئالاقىدار دېلولارغا قانۇن تەدبىقلاش ۋە تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ يامان غەرەزدە رويخەتكە ئالدۇرۇشقا زەربە بېرىش جەھەتتىكى ئەڭ يېڭى ھالىتىنى ئىگىلىدى؛ بىر مىنۇتلۇق ھەمتۈرتكە ھالقىسى ئىجادىيەتكە تولغان بولۇپ، پۈتكۈل پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىشى ئەتراپلىق، تەرتىپلىك بولۇپ، مەزمۇنى مول، جانلىق، مول ھوسۇلغا ئېرىشتى.


تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تارماق يىغىن مەيدانىدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتىنى كۆردى.
شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتىگە قاتناشقان رەھبەرلەر ۋە ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانى بىلەن ھەمتۈرتكە بولدى (فوتو سۈرەت: ليۇ شۇيەن)
چۈشەندۈرگۈچى ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرىگە يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش دەپتىرىنى كۆرسەتتى.
ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرى تاۋار ماركىسى تور مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ تەشۋىقات فىلىمىنى كۆردى.
ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
مەنبەسى:دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ماركا ئىدارىسى توربېكىتى

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش