تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يەتتە نۇقتا

1. تاۋار ماركىسى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلدىمۇ-يوق؟
تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 49-ماددىسىدا: « تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىلاردىن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى، رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى رويخەتكە ئېلىنغان باشقا ئىشلارنى ئۆزگەرتىۋالغانلىرىنى يەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت توشقۇچە تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىكار قىلىدۇ. » دىيىلگەن.
شۇڭا تىزىملاتقان تاۋار ماركىسى قانداق بولسا، ئىشلەتكەندە شۇنداق بولۇشى كېرەك، خالىغانچە پارچىلاشقا، بىرىكتۈرۈشكە، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
تاۋار ماركىسىنى قېلىپلاشتۇرماي ئىشلىتىشتىكى ئاساسلىق خەۋپ-خەتەر تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدا ئىپادىلىنىدۇ:
(1) تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن.
(2) بار بولغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى تولۇق قوغدالمايدۇ.
تاۋار ماركىسىنى قېلىپلاشتۇرماي ئىشلىتىش ئەسلىدىكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ روشەنلىكىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇنداقتا ئىشلىتىلگەن تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى قوغداشقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى بارلىق ئىشلىتىش ھەرىكىتى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئۈچ يىل ئۇدا ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى بىكار قىلىشتا تەمىنلىگەن ئىشلىتىش ئىسپاتى ئىناۋەتسىز ئىشلىتىش ئىسپاتى بولۇشى مۇمكىن. ئوخشاشلا، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغاندىمۇ، ئۈنۈملۈك تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولمايدۇ.
(3) باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئېھتىمالى بار.
خالىغانچە ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى تاۋار ماركىسى بىلەن باشقىلار ئاۋۋال رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى ئوخشاش بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى قوغداشقا ئېرىشەلمەسلىكى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانا ماركىلىرىنىڭ تارقىلىش نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندىمۇ ئۆلچەملىك ئىشلىتىش كېرەك.
2. رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بىلەن ئىشلەتكۈچى بىر سۇبيېكتمۇ يوق.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بىلەن ئىشلەتكۈچى چوقۇم بىر گەۋدە بولۇشى كېرەك.
شەخس بىلەن شىركەت پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى قانۇن سۇبيېكتى. شەخس تەبىئىي شەخس، شىركەت قانۇنىي ئىگە. قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى ۋە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن مۇستەقىل بەھرىمەن بولىدىغان ۋە ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدىغان تەشكىلات. مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئۇ بىر« تەشكىلات» بولۇپ، تەبىئىي شەخس بىلەن پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولغان ئىككى قانۇن سۇبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر تاۋار ماركىسى شەخسىي نامدا بولسا، ئىشلەتكۈچى شىركەت بولۇپ، قانۇنلۇق، ئۈنۈملۈك ھوقۇق بېرىلمىگەن بولسا، بۇ تاۋار ماركىسىمۇ ئىشلىتىلمىگەن دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئىشلىتىۋاتقىنى ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئىشلىتىۋاتىدۇ، قانۇنلۇق، ئۈنۈملۈك ھوقۇق بەرمىگەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، بۇ تاۋار ماركىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ھوقۇقىنى قوغداشقا نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىسىز. ئەگەر كارخانىنىڭ تاۋار ماركىسىدا بۇ خىل ھالەت مەۋجۇت بولسا، دەرھال ئىجازەت بېرىش ھەمدە ئەنگە ئالدۇرۇش ياكى تاۋار ماركىسىنى شىركەتنىڭ نامىغا ئۆتۈنۈپ بېرىش كېرەك. ئىجازەت بېرىلگەن ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن چاغدا، ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان تۈردىكى بارلىق تاۋار ماركىلىرىنى قوشۇپ بېجىرىش كېرەك.
3. رويخەتكە ئېلىش ئادرېسىنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكى
تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ نۇرغۇن ھۆججەتلىرى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئادرېسىغا يوللانغان، بولۇپمۇ تەبىئىي شەخس ئادرېس ئالماشتۇرغاندىن كېيىن چوقۇم ئادرېسىنى ئۆزگەرتىپ، ئادرېسنىڭ خەتنى نورمال تاپشۇرۇۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋال يۈز بەرسە، تاۋار ماركىسى بىكار قىلىنىشى مۇمكىن.
4. رويخەتكە ئېلىنغان دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش.
قايسى تاۋار ماركىسى ياكى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى رويخەتكە ئالدۇرسا، پەقەت مۇشۇ تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرلىرىدىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئىشلىتىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىرىنى ئايرىم رويخەتكە ئالدۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ھەم قوغدالمايدۇ، ھەم باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت بولىدۇ.
5. ئىشلىتىش ئىسپاتىنىڭ مۇكەممەللىكى
كارخانا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىش جەريانىدا تۈرلۈك شان-شەرەپ، تۈرلەرنى مەلۇم قىلىشقا توغرا كەلسە، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىسپاتىنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىسپاتىنىڭ مۇكەممەللىكى كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىش جەريانىدىكى مۇھىم شۇنداقلا ساقلاپ قېلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئىسپاتى.
6. تاۋار ماركىسى ھالىتى نورمالمۇ؟
تاۋار ماركىسى ھالىتى ئىككى تەرەپنى كۆرسىتىدۇ.
(1) تاۋار ماركىسى قانۇن ھالىتى. تاۋار ماركىسىنىڭ قەرەلى توشقان-توشمىغانلىقى، بىكار قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى، كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ جاكارلانغان-جاكارلانمىغانلىقى قاتارلىقلار قەرەللىك تەكشۈرۈلىدۇ.
(2) تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھالىتى. تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆلچەملىك ئىشلەتكەن ئىشلەتمىگەنلىكى، قانۇنلۇق ئىشلەتكەن ئىشلەتمىگەنلىكى قاتارلىقلارنى قەرەللىك تەكشۈرۈش كېرەك.
7.قوغداش دائىرىسى مۇكەممەلمۇ؟
كارخانىنىڭ يادرولۇق كەسپى ۋە يادرولۇق تاۋار ماركىسىنى ئاساسىي ئوق قىلىپ، باشقا كەسىپ تۈرلىرىنى تارقىتىش ۋە باغلاش ھەمدە باشقا باغلىنىشلىق كەسىپ تۈرلىرىنى قوغداپ رويخەتكە ئېلىپ، يادرولۇق تاۋار ماركىسى + مۇداپىئە تاۋار ماركىسى + بىرلەشمە تاۋار ماركىسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرگەن مۇكەممەل تاۋار ماركىسىنى قوغداش تورىنى بەرپا قىلىش كېرەك. باشقىلارنىڭ يامان غەرەزدە رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە باغلىنىشلىق مەھسۇلاتلارغا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئارقىلىق بازارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ ياكى كارخانىنىڭ ئەمەلىي مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش