قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتىنىڭ سەمىمىيەتسىز مەسلىھەت سورىغۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇشى

شىركىتىمىز تەشۋىقات ئىشلىرىنىڭ كۈچىيىشى ، خېرىدارلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شىركىتىمىزدىن ماركا كەسىپلىرى توغرىلىق مەسلىھەت سورايدىغانلارنىڭ سانى كۈنسىرى كۆپەيمەكتە. ماركا ئىشلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كەسپ بىجىرىش ئادىتىمىز بويىچە ئالدىنقى مەسلىھەت بېرىش ۋە تەكشۈرۈش ھەقسىز بولىدۇ. لىكىن، بۇ مەسلىھەت ۋە تەكشۈرۈشكە بەلگىلىك كەسپىي سەۋىيە،زىھىن ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىنىدۇ. ئاز ساندىكى بىرقىسىم مەسلىھەت سورىغۇچىلار ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلماي،بىرەر كۈن، ھەتتا ئون نەچچە كۈن مەسلىھەت سوراپ، تەكشۈرتۈپ، ئېنىقلىنىپ بولغاندا قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋىتىدىغان، بىر ئېغىز تەكەللۇپ سۆزىمۇ يوق جىممىدە يوقاپ كىتىدىغان ياكى بىزدىن مەسلىھەتنى ئېلىپ بولۇپ، باشقا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ئەرزانكەن دەپ ھاۋالە قىلىدىغان ناچار قىلمىشلارنى سادىر قىلدى. ھەتتا نۇمۇس قىلماستىن، بىزدىن مەسلىھەت سوراپ باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئىلتىماس قىلغان ماركىسى قولغا تەگمەي ياكى ئۇ ۋاكالەتچى بىلەن ئالاقىلىشالماي يەنە بىزگە ئەرىز ئېيتىپ كەلگەنلەرمۇ بار. بىز بۇنداق سەمىمىيەتسىز، ھىلىگەر كىشىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى خالىمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، شىركىتىمىز مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، يوقارقىدەك سەمىمىيەتسىز، ئەخلاقسىز قىلمىشلارغا تىگىشلىك چارە كۆرۈشنى قارار قىلدى. مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۆۋەندىكى ھۆججەتتە ئېنىق يېزىلدى. بارلىق مەسلىھەت سورىغۇچىلارنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.ھەقىقى كەسىپ بىجىرىدىغان، سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرىدىغان خېرىدارلار ئۈچۈن داۋاملىق ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا تىرىشىمىز.

 
ھەمبەھىرلەش