‹ ‹ مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن › › تېمىسىدىكى ‹ ‹ تاۋار ماركىسى تەشۋىقاتى« چاي كەسپى» بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى جۇڭگو چاي  ئوبوروتى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان« مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىمەن» تېمىسىدىكى« تاۋار ماركىسى تەشۋىقاتىنى چاي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈش» ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقات پائالىيىتى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ 1 ـ دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ياۋ كۈن، جۇڭگو چاي ئوبوروتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياۋ جىڭبو يىغىنغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى، توردا ۋە تور سىرتىدا تەخمىنەن 229 مىڭ ئادەم قېتىم ئورتاق قاتناشتى. جېجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، خۇبېي، سىچۈەن، گۇاڭشىدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) نىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، چايچىلىق كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇبيېكتى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنى لېكسىيەنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرۈشكە پائال تەشكىللىدى. 
« 13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ تاۋار ماركىسى ئىشلىرى يېڭى تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويدى، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى سىجىل ئېشىپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئېلىمىزنىڭ چايچىلىق كەسپىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ياخشى ئاساس سېلىندى. ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىزنىڭ چاي تاۋار ماركىسىنى ئۈنۈملۈك رويخەتكە ئالدۇرۇش مىقدارى تەخمىنەن 1 مىليون 547 مىڭ پارچە بولۇپ، چاي تۈرىدىكى جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىدىن 417 پارچىسى رويخەتكە ئالدۇرۇلدى، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى چايچىلىق كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇبيېكتلىرىنىڭ داڭلىق ماركا ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش، جۇغراپىيەلىك بەلگە ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈل لەندۈرۈشتىن ئىبارەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا مېڭىشىغا بارغانسېرى كۆپ ياردەم بەردى. 
ئالدىنقى مەزگىلدە توپلىغان 2000 دىن ئارتۇق تەشۋىقات پىكرى ۋە تەكلىپىگە ئاساسەن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر ۋە تايانچلارنى تاللاپ ئەۋەتىپ، تاۋار ماركىسى قانۇن ـ تۈزۈمى، چاي كەسپى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چۆرىدەپ، چاي كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، تاۋار ماركىسىنىڭ باشقىچە پىكرىنى تەكشۈرۈش تەرتىپى، سودا ماركىسىنى باھالاش نۇقتىسىدىن چاي كەسپى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە قوغداش، مەدەنىيەت يوپۇرمىقى ئارقىلىق دۇنياغا بۆسۈپ كىرىش، تاۋار ماركىسىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تىزىملاش مەزمۇنىنى تەشۋىق قىلدى. بۇ قېتىمقى تەشۋىقاتتا فۇجيەن چۈەنجۇ ئەنشى چاي باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە قوغداش تەجرىبىسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا تەكلىپ قىلىندى. 
بېيجىڭ چايچىلىق جەمئىيىتى، بېيجىڭ چايچىلىق كارخانىلىرى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىق بېيجىڭ چايچىلىق كارخانىلىرىنىڭ 50 ۋەكىلى نەق مەيدانغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، نەق مەيداندىكى كارخانا ۋەكىللىرى بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاش ئارقىلىق، تاۋار ماركىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر بىلىملەرنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىگىلەپ، نۇرغۇن نەتىجىگە ئېرىشتۇق. 
پائالىيەت نەق مەيدان كۆرۈنۈشى

جۇڭگو چاي ئوبوروت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياۋ جىڭبو، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ياۋ كۈن تەبرىك سۆزى قىلدى 

قانۇن باشقارمىسىنىڭ 3- دەرىجىلىك مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى جاڭ يۆ، ئىلتىماس قىلىش كەسپىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى يولداش جاۋ بېيجىڭ دەرس ئۆتتى 

باشقىچە پىكىرنى تەكشۈرۈش بىرىنچى ئورۇندىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى جى چۈنياڭ، باھالاش ئالتىنچى باشقارمىسىنىڭ تۆتىنچى دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى جاڭ يۈگۇاڭ دەرس ئۆتتى

خەلقئارادا رويخەتكە ئالدۇرۇش 1-دەرىجىلىك 4-دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ياڭ لىنلىن، تەكشۈرۈش 4-دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى چاڭ لياڭ دەرس ئۆتتى 

خەۋەر مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 
ھەمبەھىرلەش