دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

   يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش خىزمىتىگە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەركىزىي خۇسۇسىي كارخانىلار ئىدارىسى ۋە مەركىزىي سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇل بولدى. 1978-يىلى دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەسىس قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىندى. 2018 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى« پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» نى بېسىپ تارقىتىپ، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، دۆلەت سودا ـ سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى، پىرىيوم ـ كارانتىن باش ئىدارىسىنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى بىرىكتۈرۈپ، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى باشقۇرىدۇ. 
   2018 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى« مەركەز ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىگە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى توغرىسىدىكى تەستىقى» (مەركەز ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ جاۋاب خېتى [2018] 114 ـ نومۇرلۇق )دا مۇنداق بەلگىلەندى: ئەسلىدىكى دۆلەت سودا ـ سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق مەركىزى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى قىلىپ بىرىكتۈرۈلىدۇ، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىگە قاراشلىق كەسپىي ئورۇن. 
   2019-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى« دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گ ب [2019] 19-نومۇرلۇق) دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى: تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ رويخەتكە ئېلىش، مەمۇرىي كېسىم قاتارلىق كونكرېت خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ تاۋار ماركىسى قانۇنى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامى، قائىدىسى، قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ؛ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا قاتنىشىدۇ؛ تاۋار ماركىسى ساھەسىدىكى سىياسەت تەتقىقاتىغا قاتنىشىدۇ؛ تاۋار ماركىسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، تاۋار ماركىسى ئۇچۇرىنى تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە تارقىتىش، پايدىلىنىش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ؛ تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنغا كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش قوشۇنىنى تەربىيەلەش ۋە تەربىيەلەشكە تەشكىللەيدۇ؛ دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاپشۇرغان باشقا ئىشلارنى تاماملايدۇ. 
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى قارىمىقىدا ئۇنىۋېرسال باشقارما، مالىيە باشقارمىسى، مەمۇرىي باشقارما، قانۇن باشقارمىسى، دەۋاغا جاۋاب بېرىش-قايتا قاراپ چىقىش باشقارمىسى، تەشۋىقات ۋە تاشقى ئالاقە باشقارمىسى، كادىرلار-مائارىپ باشقارمىسى، پارتكوم (ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى) ئىشخانىسى، جۇڭگۇەنسۈندە تۇرۇشلۇق دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئىش باشقارمىسى، كەسىپ باشقۇرۇش باشقارمىسى، ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسى،ئىلتىماس قىلىش ۋە قۇبۇل قىلىش ئىشلىرى 1-،2- باشقارمىسى،تەكشۈرۈشنى باشقۇرۇش 1-،2- باشقارمىسى،تەكشۈرۈش باشقارمىسى(1دىن 5 كىچە)،تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسى،تەكشۈرۈش ئىشلىرى باشقارمىسى(1دىن5كىچە)، خەلقئارالىق رويخەتكە ئېلىش باشقارمىسى(1دىن3كىچە)،قارشى پىكىرنى شەكلەن تەكشۈرۈش باشقارمىسى، قارشى پىكىرنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى(1دىن8كىچە)، باھالاش دىلولىرىنى قۇبۇل قىلىش باشقارمىسى، باھالاش باشقارمىسى(1دىن 9غىچە)،باھالاش ئىشلىرى باشقارمىسى،ئارخىپ ئىشلىرى باشقارمىسى،سانلىق ئۇچۇرلارنى باشقۇرۇش باشقارمىسى،ئۇچۇرلاشتۇرۇش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسى،ئۇچۇرلاشتۇرۇش يۈرگۈزۈشنى باشقۇرۇش باشقارمىسى قاتارلىق 52 باشقارمىدا قەمئىي 405 شىتاتلىق خىزمەتچى بار بولدى. 
 ئادرېسى: بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونى چاما جەنۇبىي كوچىسى 1 ـ نومۇر. 
 

ھەمبەھىرلەش