دەۋر دولقۇنىدا باتۇرلۇق بىلەن مەزمۇت تۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات ئاۋانگارتلىرىنى تاۋلاش ___ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ خىزمەت خاتىرىسى

  تاۋار ماركىسى ئىدارىسى سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر باشقارمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« سانلىق مەلۇمات باشقارمىسى» دېيىلىدۇ) ئاساسلىقى تاۋار ماركىسى ئارخىپىنى باشقۇرۇش، پايدىلىنىش ۋە تاۋار ماركىسى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئىستاتىستىكا قىلىش، قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. باشقارما باشلىقى جاڭ شىجۇڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باشقارمىدىكى بارلىق يولداشلار« قائىدە تۇرغۇزۇش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش، كەسىپ ئۆگىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش» نى پىرىنسىپ قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن« دەل جايىدا ئىسلاھ قىلىش يىلى» ،«قوشۇن قۇرۇلۇشى يىلى» پائالىيىتىگە ئاتلىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تاۋار ماركىسى ئىسلاھاتىنى سانلىق مەلۇمات كاپالىتىگە ئىگە قىلدى، لى شياڭخاۋ، ۋاڭ جۇيۈن، سۈي شۆمېي قاتارلىق يولداشلار ۋەكىللىكىدىكى مۇنەۋۋەر تىپلار بارلىققا كەلدى. 
  مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى يولداش لى شياڭخاۋ ئارخىپ باشقۇرۇشتىكى نۇقتىلىق، قىيىن ھالقىلارغا ئاساسەن، ئامبار ئارخىپىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، تاۋار ماركىسى ئارخىپىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى رەتلەپ، « تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئارخىپىنى باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى يېزىپ، « تاۋار ماركىسى ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇش خىزمەت قائىدىسى» قاتارلىق تۈزۈم ھۆججەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، تاۋار ماركىسى ئارخىپىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى خىزمىتىنى تۈزۈم مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى. كەسپىي تايانچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ تېما گۇرۇپپىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئارخىپىنى باشقۇرۇش تەتقىقات تېمىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ، تاۋار ماركىسى ئارخىپىنى باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە ئەۋرىشكىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئارخىپ باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇشنى نەزەرىيە مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى. 
  يولداش ۋاڭ جۇيۈن سانلىق مەلۇماتلارنى ئېچىۋېتىش خىزمىتىدە كۆرۈلگەن سەزگۈر ئۇچۇر تۈرلىرىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل. ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېسىمنى ئاشۇرۇپ ئۆگىنىپ، تازىلاشقا تېگىشلىك سانلىق مەلۇمات ئالاھىدىلىكىنى رەتلەپ خۇلاسىلەپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئېنىقلاش قائىدىسى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئېچىۋېتىشتىكى سەزگۈر ئۇچۇرلارنى توسۇش قائىدىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقتى. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تاۋار ماركىسى سانلىق مەلۇمات تۈرى خىزمىتىنى ئالماشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغاندا، ياۋروپا تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان سانلىق مەلۇمات مەسىلىسىگە قارىتا دادىل ئويلىنىپ، ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈر ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىدى. 
  تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىستاتىستىكا ئېھتىياجىدا دائىرىسى كېڭىيىش، قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا، بارلىق يولداشلار كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر يىلى 200 قېتىمدىن ئارتۇق سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسى ۋە 20 مىڭغا يېقىن سانلىق مەلۇماتنى ئاسراش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىدى. بولۇپمۇ يولداش سۈي شۆمېي ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئىشنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن باشلاپ، كۆپ نۇقتىدىن تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكا سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى؛ تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن» تاۋار ماركىسى سانلىق مەلۇماتىنى قوغداش خىزمىتى قائىدىسى« نىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى تەييارلاپ، تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا مۇۋاپىق تەكلىپ بەردى. 
سانلىق مەلۇمات باشقارمىسى ئىلمىي، ئېھتىياتچان، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئۈن ـ تىنسىز يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى، ئۇلار ئەمەلىي ئىشلەپ، تاۋار ماركىسى ئىسلاھاتىنى كۈچلۈك سانلىق مەلۇمات ماتېرىيالى ۋە تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. 

مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى
 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش