نەشىر ھوقۇقى ھەققىدە مۇھىم ساۋاتلار

1. نەشر ھوقۇقى چۈشەندۈرۈلۈشى
نەشر ھوقۇقى (copyright) يەنى ئەسەر ھوقۇقى يازغۇچى ۋە باشقا ھوقۇقدارلارنىڭ ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغان سالاھىيەت ھوقۇقى ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى؛ ئىجادىيەتچىنىڭ ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدىغان قانۇن ئاتالغۇسى. 
ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇندا ئاپتور ۋە باشقا ھوقۇق ئىگىلىرى ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغان خاس ھوقۇق. ئەسەر ھوقۇقى سالاھىيەت ھوقۇقى ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا بۆلۈنىدۇ. ئەسەرنىڭ سالاھىيەت ھوقۇقى يەنە مەنىۋى ھوقۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاپتورنىڭ ئۆز ئەسىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغان سالاھىيىتى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان، بىۋاسىتە مال-مۈلۈك مەزمۇنى بولمىغان ھەر خىل ھوقۇقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەسەرنىڭ سالاھىيەت ھوقۇقى ئېلان قىلىش ھوقۇقى، ئىسىم يېزىش ھوقۇقى، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقى ۋە ئەسەرنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغداش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئەسەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقى يەنە ئىقتىسادىي ھوقۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاپتور ۋە باشقا ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەلۇم شەكىل بىلەن ئەسەر ئىشلىتىپ، قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي ھەق ئېلىش ھوقۇقىنى، جۈملىدىن كۆپەيتىش ھوقۇقى، تارقىتىش ھوقۇقى، ئىجارىگە بېرىش ھوقۇقى، كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقى، قويۇش ھوقۇقى، ئاڭلىتىش ھوقۇقى، ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش ھوقۇقى، سۈرەتكە ئېلىش ھوقۇقى، ئۆزگەرتىش ھوقۇقى، تەرجىمە قىلىش ھوقۇقى، تۈزۈش ھوقۇقى شۇنىڭدەك ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇق ئىگىسى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك باشقا ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
2.نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاشنىڭ ئەھمىيىتى 
« ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى» ، « ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئېلىمىز ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ئاپتوماتىك ئېرىشىش تۈزۈمىنى قوللانغان، ئىجادىيەت ئارقىلىق ئەسەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلسىلا ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇن بويىچە ئاپتوماتىك بارلىققا كېلىدۇ ھەمدە قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىزدە ئەسەر ھوقۇقىنى ئىختىيارىي تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئەسەر ھوقۇقىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى ئەسەر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەسلەپكى ئىسپات قىلىنسا بولىدۇ. ئەسەر ھوقۇقىنى تىزىملاش (يەنى نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاش) نى يولغا قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى تۆۋەندىكىچە: 
(1) ئاپتور ياكى باشقا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرى ۋە ئەسەرنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا، ئەسەر ھوقۇقى تەۋەلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئەسەر ھوقۇقى ماجىراسىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولۇش ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى ماجىراسىنى ھەل قىلىشنى دەسلەپكى دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق بولۇش؛ 
(2) ئەسەر ۋە يۇمشاق دېتال ئىجازىتى، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، ئەسەر ۋە يۇمشاق دېتالنىڭ تارقىلىشى ۋە ئىقتىسادىي قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق شەكىلسىز مۈلۈك سۈپىتىدە سودىلىشىپ ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىپ، مول پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. 
(3) ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە مەبلىغىگە ئېرىشىش، باج كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشنى قوللاشنىڭ مۇھىم شەرتى، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئىپادىسى؛ 
(4) دۆلەتنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلىرى، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى بىكىتىشتە ئىسپات بېرىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال قىلىشقا بولىدۇ؛ 
3. كەسىپ دائىرىسى 
نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاش دائىرىسى تۆۋەندىكى شەكىلدە ئىجاد قىلىنغان ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 
1. يازما ئەسەرلەر 
2. ئاغزاكى ئەسەر 
3. مۇزىكا، تىياتىر، ئەلنەغمە، ئۇسسۇل، سېرك سەنئىتى ئەسەرلىرى 
4. گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى، بىناكارلىق ئەسەرلىرى. 

گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى - رەسىم ، ھۆسنىخەت، ھەيكەلتاراشلىق ئەسەرلىرى، رەڭ ياكى باشقا بەلگىلەردىن تەركىپ تاپقان گۈزەللىك تۇيغۇسىغا ئىگە تەكشىلىك ياكى سىترىئولۇق سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.  ماي بۇياق رەسىملەر، گىزىت- ژۇرنال ، كىتاپلارنىڭ مۇقاۋىسى ،مەھسۇلات تاشقى ئورالما لايىھەسى، كارخانىلارنىڭ بەلگىسى ، ماركا بەلگىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . 

5. فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى 
6. كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر 
7. قۇرۇلۇش چېرتيوژى، مەھسۇلات چېرتيوژى، خەرىتە، شەرتلىك سخېما قاتارلىق گرافىكلىق ئەسەرلەر ۋە مودېل ئەسەرلەر. 
8. كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى 
9. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەسەرلەر. 

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 


ھەمبەھىرلەش