دۇنياۋى ئون داڭلىق تاۋار ماركىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە مەنىسى

1-نايك
نايك بەلگىسى« swoosh» نىڭ ئەسلى مەنىسى« ۋىژ» قىلغان ئاۋاز. 1971- يىلى 28 ياشلىق تەكشىلىك لايىھەلەش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى كارولىن داۋىسون بۇ بەلگىنى لايىھەلەپ چىققان بولۇپ، ئۇ يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى غالىبىيەت ئىلاھەسى نايكىنىڭ قانىتىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. 
ھازىر نايك بەلگىسى ھەتتا لايىھەلەش كەسپى ئاتالغۇسى بولۇپ قالدى: بۇنداق ياي شەكىللىك سىزىق ھەرىكەت ۋە سۈرئەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. كارولىن داۋىدسون شۇ چاغدا ئاران 35 ئامېرىكا دوللىرى ھەق ئالغان. 
 
2-سىتارباكس

سىتارباكسنىڭ بەلگىسى قەھۋە كەسپىدىكى ئەڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى بولۇشى مۇمكىن. تاۋار ماركىسىدىكى ئاياللار يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى دېڭىز ئالۋاستىسى. رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، دېڭىز ئالۋاستىسى يېقىملىق بەدەن قىياپىتى ۋە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ناخشا ئاۋازى ئارقىلىق كېمىدىكى ماتروسلارنى ئازدۇرۇپ، ئاندىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىكەن. سېئاتلدا قۇرۇلغان ستارباكس شىركىتى دېڭىز ئالۋاستىسى قەھۋە دېڭىز تىرانسىپورت تارىخى بىلەن سېئاتل دېڭىز پورتىنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك باش تېما دەپ قارايدۇ. 
سىتارباكسنىڭ 40 نەچچە يىللىق تارىخىدا، ئۇنىڭ تاۋار بەلگىسىدە بىرنەچچە قېتىم ئۆزگىرىش بولغان. ئەڭ دەسلەپتە دېڭىز ئالۋاستىسى يالىڭاچ كۆكسى بىلەن ئىككى پۇتىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان. كېيىن، دېڭىز ئالۋاستىسىنىڭ كۆكسىنى ئۇزۇن چېچى توسۇۋالغان، ئەمما كىندىكى كۆرۈنۈپ قالغان. 1992-يىلى شىركەت بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، تاۋار ماركىسى ھازىرقى ھالەتكە كەلدى. 

3-ئالما

تەكشىلىك لايىھەلىگۈچىسى روب يانوۋ ناھايىتى ئاسانلا لايىھە ئىلھامىنى تاپىدۇ. ئۇ 1977-يىلى ئەمدىلا قۇرۇلغان ئالما شىركىتىگە تاۋار ماركىسىنى لايىھىلەپ بەردى. 
ئەمما، بۇ شىركەت نېمە ئۈچۈن ئالما دەپ ئىسىم قويغان، ھازىرغىچە ئورگان تەرەپ چۈشەندۈرۈپ باقمىدى. تارقىلىپ يۈرگەن ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچىسى، مەيجىنتا كومپيۇتېرىنىڭ ئورتاق ئاچقۇچىسى جېف لاسكىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئالما سورتى مەيجىنتا دەپ قاراش. ئۇ ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان كومپيۇتېرنىڭ نامىنى ئىشلىتىپلا قالماي، شىركەتنىڭ نامىنىمۇ قوللانغان. ئىككىنچى خىل قاراش بولسا، ستېۋ جوبىس ئالما شىركىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن مېۋە يېگۈچى، يەنى پەقەت مېۋە يېگەن. ئەينى چاغدا يېڭى شىركەتكە ئىسىم قويۇش ئۈچ ئاي كەينىگە سۈرۈلگەن بولغاچقا، جوبىس تەھدىت سېلىپ، ئەگەر شۇ كۈنى ھېچكىم ياخشى تەكلىپ بېرەلمىسە، شىركەت دەرھال« ئالما» دەپ ئىسىم قويىدۇ، دېدى. ئېنىقكى ياخشى پىكىر ئاخىرى بارلىققا كەلمىدى، شۇڭا شىركەتكە ئالما دەپ نام بېرىلدى. 
تاۋار ماركىسىدىكى ئالمىنى نېمە ئۈچۈن« چىشلەيدۇ» دېگەن سوئالغا ناھايىتى ئېنىق چۈشەنچە بېرىلگەن: لايىھەلىگۈچى پەقەت كىشىلەرنىڭ ئالما بىلەن گىلاسنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نازۇك يېزىق ئويۇنلىرى بار: « چىشلەش» نىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشى« bite» بولۇپ، كومپيۇتېر ئاتالغۇسىدىكى بىرلىك« Byte» (بايت) نىڭ تەلەپپۇز بىلەن ئوخشاش. 

4-بېنىز
بېنىزنىڭ ئۈچ ئاچا يۇلتۇز بەلگىسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ماركىلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچ ئۇچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۇ، قۇرۇقلۇق، بوشلۇقنىڭ ماشىنىلىشىشىغا سىمۋول قىلىنغان. بۇمۇ دايملېر ئىنتىلگەن نىشان: ئاپتوموبىل، پاراخوت ۋە ئايروپىلان ئۈچۈن ماتور ياساش ئىدى. 
ئىلگىرى مېرسېدېس ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ماتور قاپقىقىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بۇ قاتلىنىدىغان بەلگە بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، پەقەت ئاز ساندىكى ھەشەمەتلىك پىكاپلار ۋە ساياھەت ئاپتوموبىللىرىدا يەنىلا ئۈچ ئاچا يۇلتۇز بار، چۈنكى ئۇلار دائىم ئادەملەر تەرىپىدىن سۇنۇپ كېتىدۇ.
 

5-گېرمانىيە بانكىسى

گېرمانىيە بانكىسىنىڭ تاۋار ماركىسى لايىھىلىگۈچىگە بەرگەن ھەققى نايكى شىركىتىنىڭ 35 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى. 1974-يىلى، شتۇتگارتتىن كەلگەن خەت-ئالاقە لايىھەلىگۈچىسى ئانتون ستانكوۋىسكى 100 مىڭ مارك ھەق ئالغان، چۈنكى ئۇ« بەش سىزىق» سىزىپ چىققان. بىراق سىتانكوۋسكىي بۇ بەلگىنى لايىھىلەش ئۈچۈن ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. 
كۋادرات بىخەتەرلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئوتتۇرىدىكى يانتۇ سىزىق ھاياتىي كۈچكە تولغان ھالدا يۇقىرىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ بەلگە گېرمانىيە بانكىسى شوئارىنى بىرگە بىر قايتا نامايان قىلىدۇ: « مۇقىم مۇھىتتا ئاشىدۇ. » دىمەكچى. 

6-تىۋتېر
ئىجتىمائىي ئالاقە تور سۇپىسى تىۋتېرمۇ ئېشىشنى قوغلىشىدۇ. ئۇنىڭ ‹ ‹ كىچىك قۇش › › بەلگىسى تارقىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، قۇشلار ۋىچىر-ۋىچىر قىلىپ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، « ۋىچىر-ۋىچىر» مۇ ئېغىز تىلىدا« سۆز يەتكۈزۈش» نىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. 
گەرچە شىركەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ئۇزۇن بولمىسىمۇ، ئەمما« قۇش» بەلگىسىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغان. ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش مۇنداق بولۇشى مۇمكىن:2012-يىلىدىن باشلاپ، كۆك قۇش گورىزونتال پەرۋاز قىلماستىن، بەلكى ئوڭ تەرەپ ئۈستىگە قاراپ ئۇچىدۇ، بۇ شىركەتنىڭ ئېشىش نىشانىغا بولغان يەنە بىر ئوخشىتىش. 

7-ئامازون
ئامازون دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالاقە تورى شىركەتلىرىنىڭ بىرى، بەلكىم ئەستە تۇتۇش ئاسان بولغان بەلگىنىڭ پايدىسى بولۇشى مۇمكىن. 
ئەمما ئامازوننىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سىر قارا رەڭلىك« amazon» ھەرىپىدە ئەمەس، بەلكى ئاستىدىكى سېرىق رەڭلىك ئىسترېلكىدا. ئىسترېلكا a ھەرىپتىن z ھەرىپنى كۆرسىتىدۇ، ۋەكىللىك مەنىسى: ئامازون A دىن Z غىچە بولغان پۈتۈن تۈردىكى تاۋار بىلەن تەمىنلەيدۇ. چۈنكى ئامازون تور بېكىتىدە يوق نەرسىلەرنى سېتىۋالغۇدەك جايمۇ يوق، ھېچ بولمىغاندا ئامازوننىڭ نىشانى شۇنداق. 

8-گوگىل
گوگىل شىركىتىمۇ ئاددىي ھەرپلەرنى قوشۇپ يېزىش ئارقىلىق شىركەتنىڭ بەلگىسى قىلىدۇ. تاۋار ماركىسىنى لايىھەلىگۈچى، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى لۇس كادال ھەسەن-ھۈسەن رەڭگىنى ھەرپلەرنىڭ تەگ رېڭى قىلىپ تاللىغان. ئالدىنقى ئۈچ ھەرىپنىڭ رەڭ تەرتىپى كۆك، قىزىل ۋە سېرىق بولۇپ، كېيىنكى ھەرىپلەر L غا يېشىل رەڭ ئىشلىتىلگەن، سېرىق ئەمەس. بۇ« كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىش» كىشىلەرگە مۇنداق بىر خىل تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ، يەنى گوگىلدا ھەممە ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن، شىركەت كونا قائىدە-يوسۇنلارغا ئېسىلىۋالمايدۇ. 

9-ماكدونالد

ماكدونالد شىركىتىنىڭ ‹ ‹ ئالتۇن رەڭلىك M › › ئاللىقاچان باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بەلگە بولۇپ قالدى. لېكىن ئەڭ دەسلەپتە بۇ« M» ئەمەلىيەتتە ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، بۇ ھامبۇرگ تېز تاماقخانىسىنىڭ بارلىق تارماق تاماقخانىلىرى ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئىشىك ئالدىدا ئىككى دانە ئالتۇن رەڭلىك ئەگمە شەكىل بار ئىدى. 
شىركەتنىڭ ئىككى قۇرغۇچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قېتىم ئۇلار كىرىش ئېغىزىدىكى گۈمبەزنى باشقا بىر نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، تاسادىپىي ھالدا ئۇلارنىڭ« M» ھەرىپىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، ئىككىيلەندە گۈمبەزنى شىركەتنىڭ بەلگىسى قىلىش ئويى پەيدا بولغان. 1962-يىلى ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا ئىنژېنېر ۋە لايىھەلىگۈچى جىم شېندېلېغا« M» نى شىركەتنىڭ بەلگىسى قىلىپ لايىھەلەشنى ھاۋالە قىلغان ھەمدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان ئەھۋالدا ھازىرغىچە قوللىنىپ كەلگەن. 

10-بىشېڭكې
ماكدونالدقا ئوخشاش، بىشېڭكېنىڭ بەلگىسىمۇ ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ قۇرۇلۇش كۆرۈنۈشىدىن كەلگەن. شۇڭا، بىشېڭكې بەلگىسى بىر شەپكە ئەمەس، بەلكى بىر كىچىك ئۆينىڭ ئۆگزىسىدۇر. چۈنكى« Hut» دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىزچىدىكى مەنىسى كىچىك ئۆي دېگەنلىك بولىدۇ. 
بىشېڭكې شىركىتىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتا ھالدا بەلگە ئۈستىدە بىر شەپكە دەپ قارىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما شىركەت نەچچە يىل بۇرۇنقى بىر باياناتىدا، كىشىلەرنىڭ خاتا چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ، دېدى. چۈنكى ئۆزگەرتىدىغىنى دۇكاننىڭ ئۆگزىسى بولۇپلا قالماي، يەنە مەھسۇلاتنىڭ ئورالمىسى ۋە باشقا نۇرغۇن تەرەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىشقىلىپ دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان چۈشىنىكسىز ئىسىممۇ يامان ئەمەس بىر تىجارەت تاكتىكىسى. 

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش