لېكساس ئاپتوموبىل بەلگىسىنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟


 
ئېللىپىس بىلەن ئورالغان L ھەرپى ياپونىيە تويوتا ئاپتومبىل شىركىتى ئىشلەپچىقارغان لېكساس ئاپتومبىلىنىڭ بەلگىسى.
« لېكساس» (Lexus) نىڭ ئوقۇلۇشى ئىنگلىزچە« ھەشەمەتلىك» (Luxury) دېگەن سۆز بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇ سۆز كىشىلەرگە بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ھەشەمەتلىك پىكاپ ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. لېكساس ئاپتوموبىلىنىڭ بەلگىسى بولسا ئاپتوموبىلنىڭ نامى« Lexus» دىكى« L» ھەرىپىنىڭ چوڭ يېزىلىشى، « L» نىڭ سىرتى ئېللىپىس شەكلىدە ئورالغان. ئېللىپىس يەر شارىغا ۋەكىللىك قىلىپ، لېكساس ئاپتوموبىلىنىڭ پۈتۈن دۇنيانى قاپلايدىغانلىقىغا سىمۋۇل قىلىنغان. 
  ئامېرىكا تويوتا ئاپتوموبىل سېتىش شىركىتىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە،لېكساس ماركا بەلگىسىدىكى ئېللىپىس ياي شەكلى ناھايىتى توغرا بولغان ماتېماتىكىلىق فورمۇلا بويىچە سىزىلغان بولۇپ، ئۈچتىن ئارتۇق لايىھە شىركىتى ۋە ئېلان شىركىتى يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ تاماملىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى باشقا 5 خىل لايىھەنى يېڭىپ تاللانغان. 1987-يىلى مولى لايىھەلەش شىركىتى (MollyDesignsInc. ) نىڭ مەسئۇلى مولى ساندېرس (MollySanders) ئۈچ ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ ئېللىپىس ۋە L نى ئەپچىللىك بىلەن ياساپ چىقىپ، ئەسلىدە ئەڭ ئۈمىد بار تاللىنىدىغان نۇسخىنىڭ ئورنىنى ئالغان. 
  لېكساس (Lexus) ياپونىيە تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتى قارمىقىدىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىسى بولۇپ، ئۇ 1983-يىلى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان، لېكىن پەقەت ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 1999-يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى بېنىز، BMW دىن ئېشىپ، ئامېرىكىدىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ ماركىغا ئايلانغان. ئىلگىرى، Lexus نىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەرجىمىسى لىڭجى ئىدى، 2004-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، تويوتا شىركىتى بېيجىڭدا Lexus نىڭ دۆلەت تىلىدىكى تەرجىمىسىنى« لىڭجى» دىن« لېكساس» غا ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، ھەمدە جۇڭگودا ئالاھىدە سېتىش دۇكىنى قۇرۇپ، جۇڭگودىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل بازىرىغا ئومۇميۈزلۈك يۈرۈش قىلىشقا باشلىغان. 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش