كىيا ئاپتوموبىلىنىڭ ماركا بەلگىسىنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىڭ

كىيانىڭ ئىسمى خەنزۇ تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، 起亚 دىكى 起 نىڭ مەنىسى« قوپۇش،باشلىنىش» ، 亚بولسا « ئاسىيا» ،يەنى 亚洲 ئاسىياغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا، كىيانىڭ مەنىسى« شەرقتىن باشلىنىدۇ» ياكى« ئاسىيادىن باشلىنىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت. خەنزۇ تىلىدىن كەلگەن بۇ ئىسىم ئاسىيادىن قەد كۆتۈرۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ دەل كىيانىڭ نىشانى __ ئاسىيادىن قەد كۆتۈرۈپ، دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. 



 
كىيا يەنى كىيا ئاپتوموبىل شىركىتى كورىيەدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئاپتوموبىل ياساش شىركىتى بولۇپ، ھازىر ھازىرقى زامان گۇرۇھىغا(现代集团) تەۋە. مۇكەممەل بولغان يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ۋە سودا ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيەسى بار، 3 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق زاۋۇت بىناسى ياشەنۋەن زاۋۇتى ۋە 790 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق  زاۋۇت بار، يىلىغا 1 مىليون ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئىگە. 180 نەچچە دۆلەتتە سېتىش نۇقتىسى بار. 
1944-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان كىيا ئاپتوموبىلىنىڭ ئەسلىي نامى جىڭ چېڭ نازۇك سانائىتى (KyungsungPrecisionnIndustry) بولۇپ، سىئول يۇڭدېنپۇ رايونىغا جايلاشقان، چاۋشيەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇسانغا كۆچكەن. دەسلەپتە ۋېلىسپىت زاپچاسلىرىنى قول بىلەن ياسايدىغان كىچىك زاۋۇت ئىدى. 1952-يىلى 3-ئايدا كورېيەنىڭ تۇنجى ۋېلىسىپىتىنى ياساپ چىققان،كىيىن شىركەتنىڭ نامى كىيا سانائەت شىركىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1961- يىلى 10-ئايدا، كىيا C-100 تىپلىق موتوسىكلىتنى ياساپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن كورېيەنىڭ موتوسىكلىت سانائىتى دۇنياغا كەلدى. 1962-يىلى كىچىك تىپتىكى ئۈچ چاقلىق يۈك ئاپتوموبىلى K360 مۇ دۇنياغا كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كىيا ئاپتوموبىل ياساش يولىغا ماڭدى. ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى 1973-يىلىغىچە داۋاملاشتى، ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى 25 مىڭغا يەتتى. موتسىكلىت ئىشلەپچىقىرىشى 1981-يىلىغىچە داۋاملاشتى. 
2021- يىلى 1- ئاينىڭ 6- كۈنى، كىيا ئاپتوموبىلى پۈتۈنلەي يېڭى ماركا بەلگىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، كىيا يېڭى بەلگىسى يەنىلا ئىنگىلىزچە«KIA» بولۇپ، ئومۇمىي شەكلى تېخىمۇ ئىخچام ھەم زامانىۋى لايىھەلەنگەن. ئورگان تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ LOGO لايىھەسى ئۈچ چوڭ لايىھەلەش ئىدىيەسى −« تەڭپۇڭلۇق (Symmetry) » ، « رىتىملىق ھەرىكەت (Rhythm) » ۋە« يۇقىرىغا ئۆرلەش(Rising) » دىن كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە« تەڭپۇڭلۇق» كىيا ئاپتوموبىلىنىڭ ئەسلىدىكى كەسىپ ساھەسىدە باشتىن-ئاخىر خېرىدارلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى يادرو قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى كېڭەيتىپ، پۈتۈنلەي يېڭى خېرىدارلارنىڭ ھېس قىلىش ئىشەنچىسىنى نامايان قىلغان. « رىتىملىق ھەرىكەت» كىيا ئاپتوموبىللىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى يارىتىشتەك يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ۋەكىللىك قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان دەۋا تەلىپىگە باشتىن-ئاخىر ماس كېلىدۇ. « يۇقىرىغا ئۆرلەش» كىيا ئاپتوموبىلىنىڭ خېرىدارلار نۇقتىسىدىن چىقىپ، يېڭى ماركىغا جەڭ ئېلان قىلىش ئىرادىسىگە سىمۋول قىلىنغان. 
كىيانىڭ يېڭى ماركا بەلگىسىنى كۆپچىلىك بەلكىم ئانچە ياقتۇرمىغان بولۇشى مۈمكىن، لىكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېڭى ماركىنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن كونا ماركىنى ياقتۇرماي يېڭىسىنى قۇبۇل قىلىشىمىز مۇقەررەر.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش