ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بازار سۇبيېكتى تەرەققىياتىنى يۆلەشتىكى ئون تۈرلۈك تەدبىرىنىڭ يارقىن نۇقتىسى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شۈەن) يېقىندا، شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولىدىغان ئون تۈرلۈك تەدبىرنى ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆستۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئېشىش مىقدارىنى ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. 
  12-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇلار كارخانا تەرەققىياتىدىكى« توسۇق، قىيىن نۇقتا، قىزىق نۇقتا، ئۈمىد نۇقتىسى» مەسىلىسىنى كۆزلەپ، « ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەشتىكى ئون تۈرلۈك تەدبىرى» نى ئېلان قىلىپ، نامىنى تىزىملاپ ئۆز ئالدىغا تاللاش، تۇرۇشلۇق ئورنىنى تىزىملاشنى قولايلاشتۇرۇش، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ تىزىملاش، « چەكلەنمىگەن بولسىلا كىرىش» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، « بىر ئادرېسقا كۆپ كىنىشكا بېرىش» ۋە« بىر كىنىشكىغا كۆپ ئادرېس بولۇش» قا رۇخسەت قىلىش، سۈپەت جەھەتتە كۈچلۈك شەھەر بەرپا قىلىش، كۈچلۈك كارخانىلارنى يېتەكلەش، ئاددىي رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى يولغا قويۇش، ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىش، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئون جەھەتتىن بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇش، ئىدىيەسى يېڭى، ئىش بېجىرىشى تېخىمۇ تېز، تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن، بازىرى تېخىمۇ جانلىق، مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئەلا بولغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. 
  شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گەن چۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ئىدارە« مەركىزىي شەھەرنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشتىكى يەتتە تۈرلۈك تەدبىر» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. مۇشۇ ئاساستا، ئىگىلىك تىكلەش، مەھەل لە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت تەدبىرلىرىدە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، « ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەشتىكى ئون تۈرلۈك تەدبىرى» نى ئېلان قىلىپ، بازار ئىجازىتىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە ئەڭ زور چەكتە قولايلىق يارىتىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى. 
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 ـ يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، پۈتۈن شەھەردە تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىدىن 66 مىڭ 600 ى يېڭىدىن كۆپىيىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 20.3% ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن كۆپەيگەن كارخانا 21 مىڭ 900 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 29.1 ئاشقان؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن يەككە سودا-سانائەتچى 44 مىڭ بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 16.3 ئاشقان؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 75 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 97.4 ئاشقان. 2021 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان ئومۇمىي سانى 416 مىڭ 500 ئائىلىگە يەتتى. 
  گەنچۈەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، مەۋقەنى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىگە قويۇپ، ئون تۈرلۈك تەدبىرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قېلىپلاشقان، ئاشكارا تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىمىز. 
 
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بازار سۇبيېكتى تەرەققىياتىنى يۆلەشتىكى ئون تۈرلۈك تەدبىرىنىڭ يارقىن نۇقتىسى 
 
1- نامىنى تىزىملاشتا ئۆز ئالدىغا تاللاش يولغا قويۇلىدۇ، دۆلەت نامىنى تىزىملاشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلمىغانلا بولسا تىزىملىنىدۇ. 
 
2 تۇرۇشلۇق ئورنىنى تىزىملىتىشنى قولايلاشتۇرۇش، ئىلتىماس قىلغۇچى تۇرۇشلۇق ئورنى تىجارەت ئورنى نى قانۇنلۇق ئىمارەت دەپ ۋەدە بەرگەن ھەمدە ئىجارە توختامى، ھەقسىز ئىشلىتىش ئىسپاتى قاتارلىق سورۇننىڭ قانۇنلۇق ئىشلىتىش ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرغان بولسا، دەرھال تىزىملىتىدۇ، كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى، ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسى قاتارلىق ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ئىسپاتىنى تاپشۇرۇش ھاجەتسىز. 
 
3. بازار سۇبيېكتىنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى تىزىملاش ئىلتىماسىنى ئۆز ئالدىغا ئوتتۇرىغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىش، تىزىملىغۇچى ئورگان« كارخانىنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ. كارخانىنىڭ تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ئىجازەت بېرىلمىگەن تىجارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانلارغا بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى جازا بەرمەيدۇ. 
 
4. « مەنئى قىلىنمىغان بولسىلا كىرىش» پىرىنسىپى بويىچە، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمەت كەسپىگە «ئالدىن ئىجازەت بېرىش»تەك چەكلىمە قويۇشقا  بولمايدۇ، ھەر قانداق سەۋەب بىلەن كارخانىنى كۆچۈرۈشكە چەك قويۇپ، كارخانىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىنى چەكلەشكە بولمايدۇ. 
 
5 ئىگىلىك تىكلەش مەھەللىسى، ئىگىلىك تىكلەش رايونى، كەسىپ يېتىلدۈرۈش بازىسىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ« تۇرۇشلۇق ئورنى» نى تىزىملاشتا« بىر ئادرېستا كۆپ كىنىشكا بولۇش» ، « بىر كىنىشكىدا كۆپ ئادرېس بولۇش» نى يولغا قويۇش كېرەك. ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ھەمدە ھۆكۈمەت سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش چوڭ-چوڭ تۈرلەرگە قارىتا رويخەتكە ئېلىپ بىۋاسىتە قاتناش ۋە يېشىل يول مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. 
 
6. سۈپەت ئارقىلىق شەھەرنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ خەلقئارا ئىلغار ئۆلچەمگە توغرىلىنىشىنى ھەم سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىنى قوللاپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى خەلقئارا ئۆلچەم، دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى ۋە كوللېكتىپ ئۆلچەمگە ئايلاندۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەت ۋە ماركا قاتارلىق جەھەتلەردىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. 
 
7 نۇقتىلىق كارخانا، نۇقتىلىق ساھە، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانا قاتارلىق نۇقتىلىق ئوبيېكتلارغا قارىتا ئىجازەتلىك ئىجازەت، گۇرۇھ قۇرۇش، ساپا تەستىقلاش، ئىناۋەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، مىقدارىنى ئاشۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، زورايتىش، كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 
 
8. بازار سۇبيېكتىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئاددىيلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، « مۇردا» كارخانىلار ۋە ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سالاھىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىش، ساختا ماتېرىيال تاپشۇرۇش قاتارلىق قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئېرىشكەن رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. 
 
9 ناتوغرا رىقابەت ۋە رىقابەتنى چەكلەش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ساختىلىققا زەربە بېرىپ، ناچارلىرىنى تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەركىزىي شەھەر ئادىل، ھەققانىي، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. 
 
10. بازار سۇبيېكتىغا ئىجازەت بېرىشتە« بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش» ، « پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش» نى يولغا قويۇپ، « توردا بېجىرىش، ئالقان ئۈستىدە بېجىرىش، پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈش، ئالدىن كېلىشىپ بېجىرىش، سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىش» ھەمدە« پەرقسىز قوبۇل قىلىش، ئوخشاش ئۆلچەمدە بېجىرىش» نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، « ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش، ئەڭ تېز بولغاندا بىر قېتىم يەتكۈزۈش» قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 
 خەۋەر مەنبەسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورى ئۈندىدار سالونى

https://mp.weixin.qq.com/s/kE4ifIDEWGbB4PRhszHSGQ

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش