بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ماركا ساۋاتلىرى

1- ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ماركا كىنىشكىسى چىققان كۈندىن باشلاپ 10 يىل بولىدۇ، 10 يىلدا بىرقېتىم ۋاقتىنى ئۇزارتىمىز، ھەر قېتىمدا يەنە 10 يىل ئۇزىرايدۇ. بۇنىڭغا دۆلەت ماركا ئىدارىسى ھەق ئالىدۇ.
2- شىركەت ياكى شەخس نامىدا كۆپ ماركا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، بۇنىڭدا سان چەكلىمىسى يوق.
3- ماركىنىڭ تۈر دائىرىسىنى خالىغانچە تاللاشقا بولىدۇ، بۇنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىدىكى تىجارەت دائىرىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
4- ماركا بىلەن كارخانا(شىركەت) نامى ئوخشاش بولمىسىمۇ بولىدۇ.
5-شەخسلەرمۇ ماركا ئىلتىماس قىلالايدۇ، كىملىك بىلەن يەككە تىجارەت كىنىشكىسىنى تەمىنلىشى كىرەك.
6-ماركا بىلەن بەلگە(LOGO) بىرگەپ ئەمەس، يېزىق، بەلگە(LOGO)، سان، ئاۋاز قاتارلىقلارنى ماركا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
7-ماركىنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ماركىنىڭ %100 تەستىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
8-ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىختىيارى بولىدۇ. رويخەتكە ئالدۇرسىڭىز قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ، باشقىلارنىڭ ئوخشاش تۈردە ئىشلىتىشىنى چەكلەشكە بولىدۇ، رويخەتكە ئالدۇرمىسىڭىز قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ، كىم ئىشلەتسە بولىۋىرىدۇ.
9-مەھسۇلاتىڭىزنى تاللا بازار، تور دۇكانلىرىغا كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز ماركىڭىز بولۇشى كىرەك.
10-ماركىڭىز دەسلەپكە تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىسە قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
11-ماركا كەسىپلىرىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتىغا ھاۋالە قىلىپ بىجىرسىڭىز بېيجىڭدىكى ماركا ئىدارىسى تىجارەت زالىدا بىجىرگەنگە ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىن قولايلىق.
12-يوقارقى مەزمۇننى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان،خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىۋىرىدۇ.
ھەمبەھىرلەش