دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى مەخسۇس تېمىلىق ئىدارە ئىشلىرى يىغىنى ئاچتى.

    7 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى 2022 ـ يىللىق 8 ـ قېتىملىق ئىدارە ئىشلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرىنىڭ روھى ۋە يولداش شېن چاڭيۈنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈي شۇدۇڭ سۆز قىلدى، پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن دەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئېلىش قىلمىشىنى تۈزەش، تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇلدى؛ ئادەتتىكى ئەھۋالدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش مۇددىتى يەتتە ئايدا مۇقىملاشتۇرۇلدى، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىش سۈپىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى؛ تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئېلىشقا زەربە بېرىش سالمىقى ئازايمىدى، رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى؛ تەكشۈرۈش ئۆلچىمى قۇرۇلۇشى سىجىل كۈچەيتىلدى، رويخەتكە ئېلىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەل لەششتۈرۈلدى؛ تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئىش ئورنى دەرىجىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى تۈزۈلۈپ بولدى، تەكشۈرگۈچىلەرنى باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەل لەشتۈرۈلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تەكشۈرۈش 3 مىليون 621 مىڭ پارچە، تاۋار ماركىسىغا بولغان باشقىچە پىكىر دېلوسىنى تەكشۈرۈش 81 مىڭ پارچە، تۈرلۈك تاۋار ماركىسىنى باھالاش دېلوسىنى سوت قىلىش 217 مىڭ پارچە بولدى. 2022 ـ يىلى 6 ـ ئايغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى 40 مىليون 545 مىڭ پارچىگە يەتتى.
    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى داۋاملىق دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، مۇھىم نۇقتىنى كۆزلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشى كېرەك. بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش مەركىزىي خىزمىتىنى بوشاشماي سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، زور ناچار تەسىر پەيدا قىلغان تاۋار ماركىلىرىنى بايقاش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىش؛ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ،  پۇختىلاپ، پۈتۈن يىللىق تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش ۋەزىپىسىنىڭ قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش سۈپىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش؛ تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قوغداش؛ تاۋار ماركىسى قانۇن-نىزام تۈزۈمىنى مۇكەممەل لەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاساس سېلىش، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىككىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى بوشاشتۇرماي سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىدىيەۋى ـ سىياسىي قۇرۇلۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تاۋار ماركىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش؛ كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تاۋار ماركىسى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش؛ ئىنتىزام، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان پاكىز مۇھىت يارىتىش كېرەك.

تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىلەر، ھەر قايسى باشقارما باشلىقلىرى ۋە مۇئاۋىن باشقارما باشلىقلىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 130 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.


 مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئورگان توربېكىتى

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 

ھەمبەھىرلەش