ماركا ئىلتىماس قىلىشتىكى بىرقىسىم خاتا قاراشلار

تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ ئەسلىدىنلا خەۋپ-خەتىرى بار،( بۇ يەردىكى خەۋپ-خەتەر ماركىنىڭ ئۆتۈش ياكى ئۆتمەسلىكىگە قارىتىلىغان). مەيلى ۋاكالەتچى ئاپپاراتنى تاللاپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش بولسۇن ياكى ئۆزى ئىلتىماس قىلىشنى تاللاش بولسۇن. تۆۋەندە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن، شۇنداقلا بۇ جەرياندا پەيدا بولىدىغان بەزى خاتا قاراشلار ئۈستىدە توختىلىمىز. 
1. ئاۋۋال ئىشلىتىپ، كېيىن رويخەتكە ئالدۇرۇش. 
دۆلىتىمىزنىڭ« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 9-ماددىسىدا: ' رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى، پەرق ئېتىشكە قۇلاي بولۇشى ھەمدە باشقىلارنىڭ ئاۋۋال ئېرىشكەن قانۇنلۇق ھوقۇقى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماسلىقى كېرەك' دەپ بەلگىلەنگەن. » 
بۇ بەلگىلىمىدە دۆلىتىمىزنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش مەسىلىسىدە« ئاۋۋال رويخەتكە ئالدۇرۇش» پىرىنسىپىنى يولغا قويغانلىقى، يەنى تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ قانۇن بويىچە ئالدى بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان ھەمدە ئىجازەت ئالغان تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تەۋە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. 
بىر قىسىم كارخانا ياكى شەخسلەر تاۋار ماركىسىنى جىددىي ئىشلەتمەكچى بولسا، « ئاۋۋال ئىشلىتىپ، كېيىن رويخەتكە ئالدۇرۇشى» مۇمكىن. « ئاۋۋال ئىشلىتىش، كېيىن رويخەتكە ئېلىش» تىكى يوشۇرۇن خەۋپ: گەرچە رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە بولسىمۇ، لېكىن تاۋار ماركىسى ماجىراسى كۆرۈلسە، قانۇن« ئاۋۋال رويخەتكە ئالدۇرغان» بىر تەرەپنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. 
2. شىركەت قانۇنى ۋەكىلى ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، شىركەتكە ئىشلىتىش. 
«شىركەت قانۇنىي ۋەكىلى ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، شىركەتكە ئىشلىتىش» كارخانا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان، ئىشلەتكەندە ئاسانلا پېتىپ قالىدىغان خاتا قاراش بولۇپ، تاۋار ماركىسىنى شىركەت قانۇنى ۋەكىلى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، ئەمما ھېچقانداق رەسمىيىتى يوق ئەھۋالدا شىركەت ھەقسىز ئىشلىتىدۇ. ئەگەر بۇ شىركەت بىر نەچچە پايچىكنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان ھەمدە تىجارەت قىلغان بولسا، قانۇنىي  ۋەكىلى مەبلەغنى بىكار قىلىپ« ئايرىلىپ چىقىدۇ» ، ھەمدە شىركەتنىڭ ئەسلىدىكى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىدۇ ياكى قانۇنىي ۋەكىلى شىركەتتىن ھەر يىلى يۇقىرى سوممىلىق تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھەققى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا، شىركەت غايەت زور زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا، نۆۋەتتە يۇقىرىقى مەسىلىلەر ساقلانغان كارخانىلارنىڭ دەرھال تاۋار ماركىسىنى كارخانا نامىغا ئۆتكۈزىۋېلىپ، كېيىنكى ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. 
3. دائىرىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىش. 
دائىرىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىشمۇ كارخانىنىڭ كۈندىلىك تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ناھايىتى ئاسان سادىر قىلىدىغان خاتالىقى. تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشتە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسىدە بېكىتىلگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى تۈرگە ئايرىپ ئىشلىتىش كېرەك، دائىرىدىن ھالقىپ ئىشلىتىلگەن قىسمىنى قايتىدىن رويخەتكە ئېلىش شەرت، رويخەتكە ئالدۇرمىغان ئەھۋالدا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 
تاۋار ماركىسىنى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىشتىكى يوشۇرۇن خەۋپ: بىرىنچىدىن، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش قوغدالمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ قالسا، ئۈستىگە ئالىدىغان قانۇنى جاۋابكارلىق كىلىپ چىقىدۇ.
4. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئۇچۇرىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىش. 
« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 49-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: « تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى، رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى رويخەتكە ئالدۇرغان باشقا ئىشلارنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتسە، يەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت توشقۇچە تۈزەتمىسە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىدۇ. »
تاۋار ماركىسىنىڭ شەكلى، رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە بېرىپ تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتمەسلىكىمۇ بىزنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ساقلانغان خاتالىقلىرىمىزنىڭ بىرى. بۇ تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار مۇنداق دەپ قارايدۇ: « تاۋار ماركىسى مېنىڭ، مەن قانداق ئىشلەتمەكچى بولسام شۇنداق ئىشلىتىمەن.». ئەمما تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئۇچۇرى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە بېرىپ تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتمىسە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشى مۇمكىن. 
5. تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىنى ئەنگە ئالدۇرماسلىق. 
« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 43-ماددىسىدا: « رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرگۈچىلەر تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئېلان چىقىرىدۇ. تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىنى ئەنگە ئالدۇرماي تۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك ئۈچىنچى كىشى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ. » دەپ بەلگىلەنگەن. 
« ياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ» دېگەنلىك، ئەگەر تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازەت توختامى ئەنگە ئالدۇرۇلمىغان بولسا، ئىجازەت بەرگۈچى يەنە بىر قېتىم تاۋار ماركىسىنى 3-كىشىنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەن بولسا، 3-كىشى تاۋار ماركىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىش ھوقۇقى بېرىلگەنلىك ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز بولسا، ئەسلىدىكى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى بۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى چەكلىيەلمەيدۇ، دېگەنلىكتۇر. 
كارخانىلار باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشتە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە بېرىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك، بولمىسا، بۇنىڭدىن كېيىن تاۋار ماركىسى ئىجازىتىگە ئالاقىدار ماجىرالاردا قالسا، قانۇن سەۋەنلىك يوق تەرەپتە تۇرىدۇ، خاتالىق يوق تەرەپنىڭ تەلىپىنى قوللايدۇ. 
6. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ. 
« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 40-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: « رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى مۆھلەت توشۇشتىن 12 ئاي بۇرۇن بەلگىلىمە بويىچە داۋاملىق ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك؛ بۇ مەزگىلدە بېجىرىپ بېرەلمىسە، ئالتە ئاي ئۇزارتىپ بېرىلسە بولىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان ھەر قېتىملىق داۋاملىق ئىشلىتىشنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئون يىل بولىدۇ، بۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. مۇددەت توشقۇچە داۋاملىق ئىشلىتىش رەسمىيىتى بېجىرىلمىگەن بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ. » . 
بەزى كارخانىلار باشقۇرۇشقا سەل قارىغانلىقتىن، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلەتمىگەنلىكتىن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇمۇ بىزنىڭ كۈندىلىك تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ساقلانغان خاتا قاراشلىرىمىزنىڭ بىرى. تاۋار ماركىسىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، كۆپچىلىككە تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، مۇددىتى توشۇش ئالدىدا تۇرغان تاۋار ماركىسىنى ۋاقتىدا داۋاملىق ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. 
« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 49-ماددىسىدا: « رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى شۇ تاۋار ماركىسى تەستىقلاپ ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ ئورتاق نامىغا ئايلانغان ياكى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن بولسا، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. » دەپ بەلگىلەنگەن. 
كارخانا ئۆزىنىڭ ئاساسىي تاۋار ماركىسىنى قوغداش ئۈچۈن زور مىقداردىكى قوغدىنىش تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتمەي، تاۋار ماركىسىنىڭ« ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» نى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا، كارخانا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن، بۇ تاۋار ماركىلىرىنى تېزدىن ئىشلىتىشى كېرەك. 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 


ھەمبەھىرلەش