ئون نەچچە يىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان تاۋار ماركىسى ماجراسى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى

  يېقىندا، «جېڭچۈەنماۋ» يۈرۈشلۈك تاۋار ماركىسىنى باھالاش دېلوسىغا قارىتا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى سەييارە قاراپ چىقىش خىزمىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، فۇجيەن ئۆلكىلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، چۇەنجۇ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چۇەنجۇ شەھەرلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى» دېيىلىدۇ)نىڭ ھەمكارلىشىپ قوللىشى ئارقىسىدا، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، تالاش-تارتىشنى تۈگىتىپ، كونا جەمەت كارخانىسىنى ئون نەچچە يىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان تاۋار ماركىسى ماجراسى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. «جېڭچۈەنماۋ» يۈرۈشلۈك تاۋار ماركىسى شۇ جايدا بىر قەدەر يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە بولۇپ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپ جەمەتىدىكىلەر ۋارىسلىق قىلىپ ئىشلەتكەن ماركا ۋە تاۋار ماركىسى، ئەڭ بالدۇر بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ شيەنفېڭ يىللىرىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ دەۋانى ئۈزۈل-كېسىل توختىتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جەمەتنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ باھالاش سەككىز باشقارمىسى كېڭىشىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، دېلو ئەھۋالىنى تەپسىلىي رەتلەپ، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ يارىشىش ئارزۇسى بارلىقىنى ھەمدە كېڭىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىپ يارىشىش لايىھەسىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بېكىتكەندىن كېيىن، فۇجيەن چۈەنجۇغا بېرىپ «جېڭچۈەنماۋ» يۈرۈشلۈك تاۋار ماركىسىنى باھالاش دېلولىرىنى سەييارە قاراپ چىقتى.
  كېڭىشىش گۇرۇپپىسى چۈەنجۇغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، چۈەنجۇ شەھەرلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش بۆلۈمى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ پىكىر ۋە دەۋا تەلىپىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلەپ، ئۇلارنى كېڭىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىگە پائال ماسلىشىشقا ئىلھاملاندۇردى. كېڭىشىش گۇرۇپپىسى چۈەنجۇغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بىلەن دېلو ئالدىدا مۇرەسسە سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، كېڭىشىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن قىزىق نۇقتا مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، ئىككى تەرەپ دەسلەپكى قەدەمدە «قارشى تەرەپنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشىگە ئۆزئارا ئىجازەت بېرىش، سوت قىلىنىدىغان دېلو ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋېلىش، قارشى تەرەپنىڭ تاۋار ماركىسىغا قارىتا يېڭى تەرتىپنى يولغا قويماسلىق» قاتارلىق يارىشىش مەزمۇنلىرىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئارقىدىن كېڭىشىش گۇرۇپپىسى ئالاقىدار ئىككى تەرەپ تىجارەت قىلىۋاتقان دۇكاننى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىپ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپ نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان يادرولۇق تاۋار ماركىسىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. كېيىن كېڭىشىش گۇرۇپپىسى دەسلەپكى يارىشىش لايىھىسىنى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە ئىنكاس قىلدى، بۇ مەزگىلدە، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپتە مەنپەئەت جەھەتتە تارتىشىش ۋە پىكىر تەكرارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، كېڭىشىش گۇرۇپپىسى دېلو ئەھۋالى ۋە نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھېچقايسى تەرەپكە يان باسماي، ئادىل بولۇپ، دەۋا تەلىپى مۇۋاپىق، قانۇنلۇق چەكتىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن بىر تەرەپكە پايدا-زىياننى ئۇقتۇردى، ئاخىرىدا كېڭىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇرەسسە قىلىپ يېتەكلىشى بىلەن، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئاخىرى يارىشىپ قالدى، چۇەنجۇ شەھەرلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ گۇۋاھلىقىدا يارىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.
  يارىشىش كېلىشىمىدە، كېڭىشىش گۇرۇپپىسى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە دېلونى بىكار قىلىش، تاۋار ماركىسى ئىجازىتى بېرىش، ئەنگە ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ بەردى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش دائىرىسى، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى بېرىش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، ھوقۇقنى قوغداش تەرتىپىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئېنىق چەك-چېگرا بەلگىلەپ بەردى؛ ھازىر بار بولغان دېلولارنى ئاياغلاشتۇرۇپ ئىشنى تۈگىتىپلا قالماي، ئىككى تەرەپ ھوقۇقىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇشىنى كۈچلۈك توختام كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. نۆۋەتتە، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ دېلونى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان دېلودىن سەككىزى ئاياغلاشتۇرۇلدى، ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش توختامىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىدىن ئالتىسى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، قالغان ئىككى دېلونى بىكار قىلىش ئىلتىماسى، ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش توختامىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىدىن بەشى تېز قاراپ چىقىلىۋاتىدۇ؛ ئالاقىدار ئىككى تەرەپ يەنە ئىككى تاۋار ماركىسى توغرىسىدا ئىككى يىللىق ھەقسىز ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش كېلىشىمى ئىمزالايدۇ، ھەمدە يادرولۇق تاۋارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلماسلىق، قارشى تەرەپ رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان 44 تاۋار ماركىسىغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولماسلىق، ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاش، ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەتمەسلىك قاتارلىق تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى بىكار قىلىش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش تەرتىپى ياكى مەمۇرىي ئەرز قىلىش، ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەرنى ئۆز ئارا ۋەدە بېرىپ، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ 10 نەچچە يىل ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 20 دىن ئارتۇق تاۋار ماركىسى ماجىراسىنى ئۈزۈل-كېسىل توختاتتى.

كېڭىشىش گۇرۇپپىسى ئىككى تەرەپ ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
ئىككى تەرەپ ۋەكىلى يارىشىش كىلىشىمى ئىمزالىماقتا
مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى
 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 

 
ھەمبەھىرلەش