كارخانا نېمە ئۈچۈن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرىدۇ؟

كارخانا نېمە ئۈچۈن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرىدۇ؟
ئالدى بىلەن، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىلا قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
ئىككىنچىدىن، تاۋار ماركىسى كارخانىنىڭ شەكىلسىز مۈلكى، شۇنداقلا ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت تاللىشىنىڭ ئاساسى. ياخشى كارخانا ياخشى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ياخشى تاۋار ماركىسىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.
مەيلى ئامېرىكىدىكى كوكاكولا بولسۇن ياكى جۇڭگودىكى خەيئېر بولسۇن ھەممىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان،ئاندىن قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. كوكاكولا، خەيئېر بىر كېچىدىلا بارلىق مال - مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ،تېز سۈرئەتتە قايتا باش كۆتۈرەلەيدۇ، بۇنىڭدا تاۋار ماركىسىدىن شەكىللەنگەن غايەت زور شەكىلسىز مۈلۈككە تايانغىلى بولىدۇ، تاۋار ماركىسىنىڭقىممىتى ئۇنىڭ شەكىللىك مۈلۈك قىممىتىدىن خېلىلا ئېشىپ كىتىدۇ.

نېمە ئۈچۈن كارخانا تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىشى كېرەك؟
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە، رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى ياكى ئادرېسىدا ئۆزگىرىش بولغاندا،تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ۋاقتىدا بېرىپ مۇناسىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە يەككە  سودىگەرنىڭ نامى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى بەزى ھوقۇقلارغا ئۆزلۈكىدىن ۋارىسلىق قىلالمايدۇ، چوقۇم مەلۇم رەسمىيەتنى ئادا قىلغاندىن كېيىن ئاندىن داۋاملىق ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىش كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى قانۇنلۇق ئىشلىتىشى ھەمدە ئۈنۈملۈك قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.
 
 
ھەمبەھىرلەش