تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە ئادەتتە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش ھاجەتسىز، پەقەت ئىككى تەرەپ ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۆتۈنۈپ بېرىش تەرتىپى بويىچە تاماملىسىلا قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
ئۇنداقتا تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
 1.ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ ئىگىدارى ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، كېلىشىم ئىمزالاشتىن ئىلگىرى قايسى كىشىلەرگە قايسى خىلدىكى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتى بېرىلگەنلىكىنى ھەمدە ئەسلىدىكى ئىشلىتىش ئىجازەت توختامىدىكى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ مەجبۇرىيىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
2.ئەگەر ئەسلىدىكى ئىشلىتىش ئىجازەت توختامىدا تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى تۈزۈش سالاھىيىتى بولمايدۇ.
3.ئەگەر ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى ئۆزىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان ياكى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بارلىق دۆلەتلەردىكى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى يەنە كېلىشىم ئىمزالىغانغا قەدەر رويخەتكە ئالدۇرۇش تەستىقلانمىغان دۆلەتتە بارلىق رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
 4.ئەگەر ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تەرەپ ئۆزىنىڭ بارلىق دۆلەتلەردە رويخەتكە ئالدۇرغان ياكى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بارلىق تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئىككى تەرەپ يەنە ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئۆتۈنۈپ ئالغۇچى تەرەپنىڭ بارلىق خاس ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى پۈتۈشۈشى كېرەك.
 5.ئەگەر ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى ئۆز قەرەلىدە قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۆتۈنۈپ بېرىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈشى كېرەك. ئەگەر ئۆتۈنۈلگۈچىدىن شۇ تاۋار ماركىسىدا كۆرسىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلسا، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى پۈتۈم بويىچە ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار تاۋار ( تېخنىكىلىق ھەل قىلغۇچ )، تاۋار چۈشەندۈرمىسى، تاۋار ئوراش - قاچىلاش قانۇنى، تاۋار رېمونت قىلىش قانۇنى ۋە ئالاقىدار تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
6.ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى توختامنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە ۋە تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان كۈچكە ئىگە رايون ئىچىدە ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچىنىڭ تاۋىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياكى ئوخشاش تاۋارغا ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
7.ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ ئۆتۈنگۈچى تەرەپنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۈچۈن ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپكە بەرگەن سودا مەخپىيىتى ياكى تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.بۇلار  ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن تاۋار ماركىسىنىڭ نامى، شەكلى، رويخەتكە ئېلىنغان دۆلەت ئايرىمىسى، رويخەتكە ئېلىنغان نومۇرى، كېيىنكى قېتىم داۋاملىق ئىشلىتىشكە تېگىشلىك ۋاقتى، شۇ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئۆز ئىچىگە ئالغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ تۈرى ۋە ئۇلارنىڭ كونكرېت نامى.
8.ئەگەر ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تەرەپ ئۆزىنىڭ بارلىق دۆلەتلەردە رويخەتكە ئالدۇرغان ياكى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بارلىق تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە، توختامدا يەنە رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانغان دۆلەتنىڭ نامى، رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان دۆلەتنىڭ نامى، شۇنىڭدەك رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ۋە رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ تۈرى ۋە كونكرېت نامى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش