«ئارال ياڭىقى» ماركىسى رويخەتكە ئېلىنىپ بىڭتۈەن 1- شى ئارال شەھىرى بويىچە تۇنجى جۇغراپىيەلىك بەلگىگە ئىگە ئىسپات تاۋار ماركىسى بولۇپ قالدى.

2023-يىلى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ئېلان قىلغان 1850-نومۇرلۇق ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن«ئارال ياڭىقى» ماركىسى  رويخەتكە ئېلىنىپ بىڭتۈەن 1- شى ئارال شەھىرى بويىچە تۇنجى جۇغراپىيەلىك بەلگىگە ئىگە ئىسپات تاۋار ماركىسى بولۇپ قالدى.
  ئارال  شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۈن گوچۈئەن مۇنداق دېدى:« ئارال ياڭىقى» جۇغراپىيەلىك بەلگە ئىسپات تاۋار ماركىسىنى تەستىقلاپ رويخەتكە ئېلىش 1ـ شى
ئارالشەھىرىنىڭ ئومۇمىي تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش،1-شى ئارال شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
 بىڭتۈەن 1- شىسى ئارال شەھىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا، كۆچەتلەرنى ئۈزلۈكسىز تاللاپ يېتىشتۈرۈپ، ئاخىرىدا پوستى قەغەزدەك نېپىز، مېغىزى تولۇق ھەم چىڭ بولغان ئۆزگىچە قەغەز ياڭاق سورتىنى شەكىللەندۈردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئارال شەھەر تېرىقچىلىق بازىسىدىكى مېۋىلىك باغنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېشىل مەھسۇلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ،  ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ، سوغۇق ساقلاش، سېتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ،   ياڭاق كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىپ ، ياڭاقنىڭ سۈپىتىنى باشتىن - ئاخىر بىردەك قىلىپ، بازاردا كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارال شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىككى مەھسۇلات، بىر ئۆلچەم،يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك بەلگىسى  خىزمىتىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ياردەم بەردى.
 ھازىر ئارال شەھىرىنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش كۆلىمى 141 مىڭ موغا، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 67 مىڭ 400 توننىغا، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 222 مىليون يۈئەنگە يىتىپ،  ماركا قىممىتى 1 مىليارد يۈئەندىن ئاشتى. 
كېيىنكى قەدەمدە ئارال شەھىرى جۇغراپىيىلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرى بەرپا قىلىشقا تايىنىپ، ئەنئەنىۋى ماركىلارنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ،  ئۆز جايىنىڭ ئۆزگىچە قەغەز ياڭاق، ئورگانىك چىلان، يېشىل ئاسما ئۆرۈكلەرنى 1ـ شىئارال شەھىرىنىڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسىغا ئايلاندۇرۇپ ئارال شەھىرىنىڭ «رايون نام كارتىسى» غا ئايلاندۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش