چۇڭمىڭ مۇرەسسە كومىتېتى«تيەنماۋ» تاۋار ماركىسىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇرەسسە قىلدى

  2023-يىلى7-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئەلى بابا گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتى ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ«ئىلتىماس قىلغۇچى» دېيىلىدۇ )شاڭخەيدىكى مەلۇم بىناكارلىق بېزەكچىلىك قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىلتىماس قىلىنغۇچى»دېيىلىدۇ ) نىڭ چۇڭمىڭ رايونىدا بىر بېزەكچىلىك دۇكىنى ئاچقانلىقىنى بايقىغان، بۇ دۇكان ئىشىك بېشىغا«تيەنماۋ»قاتارلىق يېزىق ۋە شەكىللەرنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قولىدىكى تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىپتاۋار ماركىسى قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قاراپ8ـ ئاينىڭ 14ـ كۈنى شاڭخەي شەھىرى چۇڭمىڭ رايونى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىراسى خەلق مۇرەسسە كومىتېتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «رايونلۇق مۇرەسسە كومىتېتى» دېيىلىدۇ ) غا مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى.
8-ئاينىڭ 16 - كۈنى، شاڭخەي شەھىرى چۇڭمىڭ رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىراسى خەلق مۇرەسسە كومىتېتى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنى تەشكىللەپ يۈز تۇرانە مۇرەسسە قىلدى. رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسى، رايونلۇق بازار نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ( بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ) شاڭخەي شەھىرى چۇڭمىڭ رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيەلىك ھەمكارلىشىپ قوغداش مەركىزى، شاڭخەي شەھىرى چۇڭمىڭ رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دەۋاسىنى مۇرەسسە قىلىش مەركىزىگە ئەزا ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇرەسسە يىغىنىغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيەلىك ھەمكارلىشىپ قوغداش خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قويدى. دەلىل ـ ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش، دېلو ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىش، قانۇننى تەھلىل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ بىردەك پىكىرگە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. ئىلتىماس قىلىنغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى ۋە ھوقۇقىنى مۇۋاپىق قوغداش خىراجىتىنى تۆلەپ بېرىشكە ۋەدە بەردىخەلق مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئادا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ئەدلىيەلىك مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېسىمنامىسى چىقىرىپ، خەلق مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ كۈچىنى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئەلى بابا گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى مۇنداق دېدى:كوللېكتىپىمىز كۆپ يىللاردىن بۇيان مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھوقۇقىنى قوغداپ كەلدى، چۇڭمىڭغا ئوخشاش بۇنداق يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا سۈپەتلىك مۇرەسسە قىلىش، تارماقلار ھەمكارلىشىپ ماجىرالارنى ھەل قىلىش خىزمەت ئەندىزىسىگە تېخى تۇنجى قېتىم يولۇقۇشىمىز، بۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىمىز.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسى يېڭى دەۋردىكى«فېڭچياۋ تەجرىبىسى» دە ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، رايونلۇق بازار نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا كومىتېتى، رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت ئىدارىسى بىرلىكتە «چۇڭمىڭ رايونىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن يۈرگۈزۈشتە ھەمكارلىشىپ قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى خىزمەت پىكرى» نى ئىمزالاپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن يۈرگۈزۈشتە ھەمكارلىشىپ قوغداش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ،  رايونىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىرالىرىنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈردى.  رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىمۇرەسسە كومىتېتى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىراسىدىن 26 نى قوبۇل قىلىپ ۋە مۇرەسسە قىلىپ، چۇڭمىڭ دۇنيا دەرىجىلىك ئېكولوگىيە ئارىلى قۇرۇلۇشى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش