بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ماركا ساۋاتلىرى -(1)

بۇ مەزمۇندا بىلىشكە تىگىشلىك  10 تۈرلۈك ماركا ساۋاتلىرىنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ قويماقچىمەن.بۇ مەزمۇن سىزگە بىركۈنى ئەسقېتىپ قېلىشى مۈمكىن، مەزمۇننى ساقلىۋېلىڭ ۋە دوستلىرىڭىزغا يوللاپ بېرىڭ.
1- ، ماركا قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغان ھەرقانداق يېزىق، سان، بەلگە قاتارلىقلارنى ياكى بۇلارنىڭ بىرىكمىسىنى ماركىغا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدا قايسى خىل يېزىق ياكى بەلگىنىڭ بولۇش بولماسلىقى توغرىلىق تەلەپ يوق.
بۇ يەردىكى ئالدىنقى شەرت ماركا قانۇنىغا ئۇيغۇن بولۇش. ماركا قانۇنىنىڭ 8-ماددىسىدا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تاۋىرى بىلەن باشقىلارنىڭ تاۋىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ھەر قانداق بەلگە، جۈملىدىن خەت، شەكىل، ھەرپ، رەقەم، ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگە، رەڭ بىرىكمىسى ۋە ئاۋاز قاتارلىقلار ھەمدە يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ بىرىكمىسى تاۋار ماركىسى قاتارىدا رويخەتكە ئالدۇرۇلسا بولىدۇ. دەپ بەلگىلەنگەن. 9-ماددىسىدا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى، پەرق ئېتىشكە قۇلاي بولۇشى ھەمدە باشقىلارنىڭ ئاۋۋال ئېرىشكەن قانۇنلۇق ھوقۇقى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماسلىقى كېرەك.دەپ بەلگىلەنگەن.
10-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن . تۆۋەندىكى بەلگىلەرنى تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ:
(1)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نامى، بايرىقى، گېربى، دۆلەت شېئىرى، ئارمىيە بايرىقى، ئارمىيە گېربى، ئارمىيە مارشى، ئوردېنى قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، شۇنىڭدەك مەركىزىي دۆلەت ئورگىنىنىڭ نامى، بەلگىسى، تۇرۇشلۇق جايدىكى مۇئەييەن جاينىڭ نامى ياكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتنىڭ نامى، شەكلىگە ئوخشايدىغان بولسا؛
(2) چەت ئەلنىڭ نامى، بايرىقى، گېربى، ئارمىيە بايرىقى قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە، لېكىن شۇ دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(3) ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ نامى، بايرىقى، بەلگىسى قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە، لېكىن شۇ تەشكىلات قوشۇلغانلىرى ياكى جامائەتنى ئازدۇرمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا
(4) ھۆكۈمەت كونتروللۇقى، كاپالىتىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە، تەكشۈرۈش تامغىسىغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە، لېكىن ھوقۇق بېرىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(5) «قىزىل كرېست» ، « قىزىل ھىلال ئاي» نىڭ نامى، بەلگىسىگە ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە؛
(6) مىللىي كەمسىتىش خاراكتېرىنى ئالغان بولسا؛
(7) ئالدامچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، جامائەتنىڭ تاۋارنىڭ سۈپىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ياكى ئىشلەپچىقىرىلغان جايىغا نىسبەتەن ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدىغان بولسا،
(8) سوتسىيالىستىك ئەخلاق-پەزىلەتكە زىيانلىق ياكى باشقا ناچار تەسىرى بارلار.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ نامى ياكى جامائەت بىلىدىغان چەت ئەل يەر نامىنى تاۋار ماركىسى قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن، يەر نامىنىڭ باشقىچە مەنىسى بولغانلىرى ياكى كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا رويخەتكە ئېلىنغان، يەر نامى ئىشلىتىلگەن تاۋار ماركىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە.
11-ماددا تۆۋەندىكى بەلگىلەرنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ:
(1)
شۇ تاۋارنىڭ ئورتاق نامى، شەكلى، تىپىلا بولغان بولسا؛
(2)تاۋارنىڭ سۈپىتى، ئاساسلىق خام ئەشياسى، ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىشى، ئېغىرلىقى، سانى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكىنىلا بىۋاسىتە ئىپادىلىگەن بولسا؛
(3) روشەن ئالاھىدىلىكى بولمىغان باشقا ئەھۋاللار.
 
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن بەلگىلەر ئىشلىتىلىش ئارقىلىق روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسا ھەمدە پەرق ئېتىشكە قۇلاي بولسا، تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇلسا بولىدۇ.
دىمەك، يوقارقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولغان ھەرقانداق يېزىق ياكى بەلگىنى ماركىغا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، مەيلى دۆلەت يېزىقى بولسۇن، ئۇيغۇرچە يېزىق ياكى باشقا ئازسانلىق مىللەت يېزىقلىرى، چەتئەل يېزىقلىرى بولسۇن، يوقارقى شەرتكە ئۇيغۇن بولسىلا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، ماركىدا چوقۇم ماۋۇ يېزىق بولۇشى ياكى ماۋۇ يېزىق بولماسلىقى كېرەك دەپ بەلگىلىمە يوق.
ئۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرچەيېزىق بار ماركىلارنىڭ قايتۇرۇلۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى يەكۈنلەپ چىقىشقا بولىدۇ:
   ئۇيغۇرچە يېزىق چوقۇم ئىملاسى توغرا يېزىلغان، لۇغەتتە بار بولغان، مەنىسىنى بىلگىلى بولىدىغان سۆزلەر بولۇشى كىرەك،يېقىنقى بىرەر يىل جەريانىدا بۇ شەرتكە ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن قايتۇرۇلغان ماركا ئىلتىماسلىرى بەكلا كۆپ.  چەتئەل تىلىدىكى سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە يېزىقتا ئاھاڭداش يېزىپ ئىلتىماس قىلىنغان ماركىلارمۇ يېقىندا تەستىقلانمايۋاتىدۇ. ئىنقىلاۋى قەھرىمانلارنىڭ نامىنىمۇ ماركىغا ئىلتىماس قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە ماركا ئىلتىماس قىلىپ بەرگەن ماركا ۋاكالەتچىسى  يۇقارقى بەلگىلىمىلەرنى ۋە يېڭىدىن چىقىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى چوقۇم تولۇق بىلىشى كېرەك.ئۇنداق بولمىغاندا سىزنىڭ ئىقتىسادىڭىز ۋە ۋاقتىڭىز زىيانغا ئۇچرىشى مۈمكىن.
 
 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش