بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ماركا ساۋاتلىرى -(2)

بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك مۇھىم ماركا ساۋاتلىرىنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرۈلۈشى (2)
2- ماركا ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ئەڭ مۇھىم باسقۇچ ، ئەگەر سىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان تۈردە ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كىتىدىغان ماركا بار بولسا سىزنىڭ ماركا ئىلتىماسىڭىز رەت قىلىنىشى مۈمكىن.

ئۇنداقتا بۇيەردىكى تەكشۈرۈش دىگەن قانداق گەپ؟ نىمىنى، قانداق تەكشۈرىمىز، تەكشۈرۈشتىكى مەقسەت نىمە؟
بۇيەردىكى تەكشۈرۈش دىگىنىمىز سىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ماركا ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ئامىللارنى يەنى دۆلەت يېزىقى، ئۇيغۇرچە يېزىق، لاتىنچە يېزىق قاتارلىق يېزىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا سان-سىفىر، بەلگە شەكىللەر قاتارلىقلارنى ئۆز تۈرى بويىچە دۆلەت ماركا ئىدارىسىدا ئەنگە ئېلىنغان ماركىلار سانلىق ئامبىرىدىن تەكشۈرۈپ، سىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ماركا ئۈستىدىكى يېزىق، شەكىللەر بىلەن ئوخشاش ياكى يېقىن كىلىدىغان ماركا بار يوقلىقىنى ئەستايىدىل تەكشۈرىشىمىز كىرەك، يېزىقلارنى تەكشۈرگەندە ھەربىرخىل يېزىقنى ئايرىم تەكشۈرىمىز، ئەلۋەتتە ، ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىۋاستە تەكشۈرگىلى بولمايدۇ، بۇخىل ئەھۋالدا ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ لاتىنچە يېزىلىشى يەنى يېڭى يېزىق بويىچە ياكى دۆلەت يېزىقىدا يېزىلغان تەرجىمىسى ياكى ئاھاڭداش خەتلەرنى تەخمىنەن تەكشۈرىمىز، لاتىنچە يېزىق يەنى يېڭى يېزىق، دۆلەت يېزىقىنى بىۋاستە تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ماركا ئۈستىدىكى شەكىل-بەلگىلەرنى توغرا تەكشۈرۈش تەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ماركىغا توردىن چۈشۈرىۋالغان ماركا بەلگىلىرىنى زورلاپ قۇشىۋالماسلىقىمىز، ئىجادىيلىققا ئىگە بەلگىلەرنى ئىشلىتىشىمىز كىرەك، لىكىن بۇنىڭمۇ يەنە باشقىلارنىڭ ماركىسى بىلەن ئوخشىشىپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن يېزىقتىن باشقا بەلگە-شەكىللەر بار بولغان ماركىلارنىڭ ئۈتۈش نىسبىتىگە توغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ماركا ئۈستىدىكى يوقارقى ھەرقايسى يېزىق ياكى بەلگە-شەكىللەرنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرسى باشقىلارنىڭ ئوخشاش تۈردە ئىلگىرى رويخەتكە ئالدۇرغان ماركىسىغا ئوخشاش ياكى يېقىن بولۇپ قالسا، سىزنىڭ ماركا ئىلتىماسىڭىزنى تولۇق رەت قىلىۋىتىدۇ، بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ تۈزىتىپ يوللاش پۇرسىتى بەرمەيدۇ، پەقەت ئۆزگەرتىپ قايتا ھەق تۆلەپ ئىلتىماس قىلىشتىن باشقا ئامال يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن مەندىن ماركا ئىلتىماس قىلىش توغرىلىق مەسلىھەت سورايدىغانلاردىن 1- بولۇپ  قايسى ماركىنى قايسى تۈرگە ئىلتىماس قىلىسىز دەپ سوراش ئارقىلىق ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ماركا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يېزىق بەلگىلەرنى تەپسىلى ئېنىقلايمەن، كۆپ قىسىم ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۇيغۇرچە يېزىقتىن باشقا لاتىن يېزىقى يەنى يېڭى يېزىقتىكى يېزىلىشىنىمۇ قوشۇپ ئىلتىماس قىلىدۇ، گەرچە ماركا قانۇنىدا چوقۇم يېڭى يېزىقنى ئىلتىماس قىلىش  ياكى قىلماسلىق كىرەك دەپ بەلگىلىمە بولمىسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ھەممە يېزىقنىڭ ئۆزىگە مەنسۈپ بولۇشىنى ئۈمىت قىلىدۇ. بۇ خاتا ئەمەس، لىكىن ئۇيغۇرچە ماركىلارنىڭ تەستىقلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللار ئىچىدە يېڭى يېزىقنىڭ سەۋەبىدىن تەستىقلانماسلىق ئەھۋالى بىر قەدەر كۆپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمكان بار ماركا  ئۈستىدىكى ھەرخىل يېزىق-بەلگىلىلەرنى ئىقتىسات كەتسىمۇ ئايرىپ ئىلتىماس قىلىپ بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش كىرەك.
ماركا تەكشۈرگەندە دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئورگان تور بېكىتىنىڭ ماركا تەكشۈرۈش سېستىمىسىدىن تەكشۈرىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرقىسىم ئىشنەچلىك ماركا تەكشۈرۈش توربېكەت سېستىمىلىرىن تەكشۈرسەكمۇ بولىدۇ، لىكىن يەنىلا ئەڭ مۇكەممەل ۋە توغرا تەكشۈرۈشكە بولىدىغنى دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئورگان تور بېكىتىدۇر.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 
ھەمبەھىرلەش