گوۋۇيۈەننىڭ بىرقىسىم مەمۇرى قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى تۈزىتىش ۋە بىكا رقىلىش توغرىسىدىكى قارارى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ بۇيرىقى (777-نومۇرلۇق)
زۇڭلى لى چىياڭ  2024-يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى
( بىر قىسىم مەزمۇنلار قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى، ئەسلى خەۋەرنى ئاستىدىكى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ . )
7-«كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش ۋاقىتلىق نىزامى» نىڭ 2 - ماددىسى،5 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقى،6 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقى،7 - ماددىسى،8 - ماددىسىنىڭ 1 -تارمىقى،10 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقى،13 - ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى،14 -،15 -،24 - ماددىسىدىكى «سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى» دېگەن سۆز «بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى» دەپ ئۆزگەرتىلدى.
5- ماددىنىڭ 1 – تارمىقى،6 – ماددىنىڭ 1 – تارمىقى،7 – ماددىنىڭ 2 – تارمىقى،8 – ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقى،10 – ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقى،14 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقى،15 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى،24 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى «كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى» دېگەن سۆز «دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى» دەپ تۈزىتىلدى.
بىر ماددا قوشۇلۇپ 16-ماددا قىلىندى:
«بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەپ گۇمان قىلىنغان قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ:
( 1 ) كارخانىنىڭ تىجارەت سورۇنىغا كىرىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈش؛
( 2 ) كارخانىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك توختام، تالون، ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىش، توپلاش؛
( 3 ) كارخانىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش؛
( 4 ) قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كارخانىنىڭ بانكا ھىساۋاتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش؛
( 5 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.
«بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 4 ) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك».
17- ماددا 18 - ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى:
«كارخانىلاردىن يىللىق دوكلاتىنى مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئېلان قىلمىغانلىرى ياكى ئالاقىدار كارخانا ئۇچۇرلىرىنى بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بۇيرىغان مۆھلەتتە ئېلان قىلمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تىجارىتى بىنۇرمال تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ. كارخانا ئۇدا ئىككى يىل بەلگىلىمە بويىچە يىللىق دوكلات يوللىماي، تىجارىتى بىنورمال تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكتىن تۈزەتمىگەن بولسا ھەمدە تىزىملاتقان تۇرۇشلۇق ئورنى ياكى تىجارەت ئورنى ئارقىلىق ئالاقىلاشقىلى بولمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.
«كارخانىلار ئېلان قىلغان ئۇچۇردا ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان، ساختىپەزلىك قىلغان بولسا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ بەلگىلىمە بولمىسا، بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ،10 مىڭ يۈئەندىن يۇقىرى،50 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 50 مىڭ يۈئەندىن يۇقىرى،200 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇپ، بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ ھەمدە تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بويىچە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، مەسئۇلى ئۈچ يىل ئىچىدە باشقا كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، مەسئۇلى بولسا بولمايدۇ.
«كارخانىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك؛ تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەنلەرنى بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ
-18 ماددا 19- ماددىغا ئۆزگەرتىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى «قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان كارخانىلار تىزىملىكى» دېگەن سۆز «بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان، لەۋزىدە تۇرمىغان كارخانىلار تىزىملىكى» گە ئۆزگەرتىلدى.
بىر ماددا قوشۇلۇپ،20-ماددا قىلىندى:
«كارخانىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزىتىپ، ناچار تەسىرىنى تۈگىتىپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئالاقىدار باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلغان ھەمدە لەۋزىدە تۇرماسلىق خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە، يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ۋاقتىدا ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك.
 

خەۋەر مەنبەسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ھۆكۈمەت توربېكىتى
https://www.gov.cn/zhengce/zhengceku/202403/content_6939591.htm

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى

تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش