جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە قانداق؟

1.جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە قانداق؟
1. «جىنايى ئىشلار قانۇنى» دىكى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە كونكرېت تۆۋەندىكىچە:
«جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 213-ماددىسى [ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتى ] رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىگىدارىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، بىر خىل تاۋار، مۇلازىمەتتە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى جەرىمانە قويۇش يەككە جازاسى قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
2. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى جەرىمانە قويۇش يەككە جازاسى قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
3. باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ ياسىۋېلىنغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان بەلگىسىنى ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى جەرىمانە قويۇش يەككە جازاسى قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولسا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

 2.تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشنىڭ شەكىللىنىش شەرتلىرى قانداق بولىدۇ؟
 كونكرېت شەكىللىنىش شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:
 ( 1 ) قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇشى شەرت
  يەنى قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئوبيېكتىپ جەھەتتە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەن، ھەم تاۋار ماركىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىغان، ھەم باشقا قانۇن ئاساسىمۇ يوق، ئۇنىڭ قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ. قىلمىشچى دەسلەپتە تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەندە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ھوقۇق بېرىشى ياكى ئىجازىتىنى ئالمىغان، لېكىن ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭ ئىجازىتى ياكى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ياكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن كارى بولماي، سۈكۈت قىلغان بولسا، بۇ خىل قىلمىش قانۇنغا خىلاپ بولمايدۇ.
( 2 ) چوقۇم زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا بولغان بولۇشى كېرەك
تاۋار ماركىسى ھوقۇقى بىر خىل شەكىلسىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بولۇپ، ئۇنىڭغا كەلتۈرگەن زىيانلىق ئاقىۋەت ھەم شەكىللىك ماددىي زىيان بولۇشى، ھەم شەكىلسىز ئىقتىسادىي زىيان بولۇشى ياكى ھەر ئىككىسى تەڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىش، پايدىسى ئازىيىپ كېتىش، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشنى توسۇش سەۋەبىدىن ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئېشىپ كېتىش، شۇنىڭدەك تاۋار ماركىسىنىڭ ئىناۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىش، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىشىغا ئۇچراش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
 ( 3 ) زىيانلىق ئاقىۋەت بىلەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئوتتۇرىسىدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بولىدۇ، يەنى زىيانلىق ئاقىۋەتنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
 بۇ خىل سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى كۆپ خىللىققا ئىگە، بىۋاسىتە سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى بار. مەسىلەن، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ساختا ياساش  قىلمىشى؛ ۋاسىتىلىك سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىمۇ بار. مەسىلەن، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا ساقلاش، توشۇش، پوچتىدىن ئەۋەتىش، يوشۇرۇش قاتارلىق قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەش. ئەگەر زىيانلىق ئاقىۋەتنى بىر قاتار قىلمىشلار ئورتاق كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، يەنى كۆپ سەۋەب بىر نەتىجە بولغان ئەھۋال، مەسىلەن، قىلمىشچى تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، ۋاسىتىچى توشۇشقا مەسئۇل بولغان، ساتقۇچى ساختا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ساتقان بولسا، قىلمىش سادىر قىلغۇچى ھوقۇققا چېقىلغۇچى بولۇپ قېلىپ، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئورتاق دەخلى - تەرۇز قىلىشنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.
( 4 ) قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ جەھەتتە خاتالىقى بولۇپ، قەستەنلىك ۋە سەۋەنلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەستەنلىك دېگىنىمىز، قىلمىش سادىر قىلغۇچى سۇبيېكتىپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ تەستىقلىنىپ رويخەتكە ئېلىنغانلىقىنى،ئۆزىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ؛ سەۋەنلىك قىلمىش سادىر قىلغۇچى سۇبيېكتىپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ تەستىقلىنىپ رويخەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلىشى كېرەك بولغان ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
 تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ئالدى بىلەن بىر خىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىش، ئەگەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىقلار تەھقىقلەش ئارقىلىق، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ ساختا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى سېتىش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنداقتا تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش ماجىراسىنى سوت قىلىدىغان سوت مەھكىمىسى «جىنايى ئىشلار قانۇنى» قاتارلىق قانۇن - قائىدىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، دېلونى سوت قىلغاندىن كېيىن تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىغا جازا ھۆكۈم قىلىش - قىلماسلىقنى بېكىتىشى كېرەك.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 
ھەمبەھىرلەش