2024-يىللىق مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى


4
-ئاينىڭ 20-كۈنى،2024ـيىللىق مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى توردا باشلاندى. بۇ يىللىق تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» بولۇپ، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تارماق باش بولۇپ،18 تارماق ئورۇن بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ.

دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شېن چاڭيۈ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى بىلەن تەمىنلەش ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنىڭ قوش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىرىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچلۈك قوللاش؛ ئىككىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئۈچىنچى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش؛ تۆتىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خەلقئارا ھەمكارلىق ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە ياردەم بېرىش كېرەك.
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيەنچۈن تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ( دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى ) شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەشر ھوقۇقى ساھەسىدىكى يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. يۇقىرى قاتلاملىق لايىھىلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نەشر ھوقۇقى خىزمىتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش؛ مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، نەشر ھوقۇقى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ نەشر ھوقۇقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى ۋە سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش؛ خەلقئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ نەشر ھوقۇقى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك.
دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جۈن تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش پىروگراممىسى، سۈپەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش پىروگراممىسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنى سىجىل چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھوقۇققا دەخلى ـ-تەرۇز قىلىش، ساختا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، سودا مەخپىيەتلىكىنى قوغداش سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى قوغداپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى مۇھىتنى پائال يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ( WIPO ) نىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى دېڭ خوڭسېن تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:بۇ يىل جۇڭگونىڭ « WIPO پاتېنت ھەمكارلىق شەرتنامىسى( PCT )»  سىستېمىسىغا كىرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقى، WIPO جۇڭگو ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، WIPO جۇڭگو ھاۋالە فوندى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، جۇڭگو تىپىنى ئۆزگەرتىپ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشتا كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىپ، بىر يۈرۈش يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زامانىۋىلاشقان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلدى. WIPO داۋاملىق جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ كۈچى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرىدۇ.
چىڭخۇا داشۆسىنىڭ مۇدىرى لى لۇمىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا تەشەببۇس قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا پەن -تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ مۇھىم تەمىنلەش مەنبەسى، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار. ئۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى قول تۇتۇشۇپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇش ۋە قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەشكە چاقىردى.

دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ ۋېنخۇي بۇ يىللىق تەشۋىقات ھەپتىلىكى مەزگىلىدە تەشكىلىي كومىتېتقا ئەزا ئورۇنلار قانات يايدۇرماقچى بولغان مۇھىم پائالىيەتلەرنى تونۇشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ،2023 - يىلى جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرىدۇ. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە نەشر ھوقۇقى ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش «ئومۇمىي» مېخانىزمىنى ئېلان قىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 2023 - يىللىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيەلىك قوغداشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى،2023 - يىللىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر ئون چوڭ دېلو ۋە 50 تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتى ئاق تاشلىق كىتابى ( 2021-يىلىدىن 2023ـ يىلىغىچە )»، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تەپتىش قىلىش، قوغداشتىكى تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلىدۇ. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئارقىلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. ج خ مىنىستىرلىقى «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىش» تىكى تىپىك دېلولارنى ئېلان قىلىدۇ. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىق تەربىيىسى ئاساسىي تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى 2024 - يىللىق يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى قوغداشتىكى ئون چوڭ تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلىدۇ. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى گۇگۇڭ مۇزېيى بىلەن بىرلىشىپ «ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش ۋە ئىجاد قىلىش» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. تاموژنا باش مەھكىمىسى «2023 - يىلىدىكى جۇڭگو تاموژنىسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئەھۋالى» ۋە تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلىدۇ. دۆلەت سۈپەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «جۇڭگونىڭ ھوقۇققا چېقىلىش، ساختىلىققا زەربە بېرىش خىزمىتى يىللىق دوكلاتى ( 2023 )» نى ئېلان قىلىدۇ. دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 2023 - يىللىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلىدۇ. دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ،2023 يىللىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى مەمۇرىي جەھەتتىن قوغداش، پاتېنتنى قايتا تەكشۈرۈش ئىناۋەتسىز بولۇش، شۇنداقلا تاۋار ماركىسىغا بولغان باشقىچە پىكىر ۋە باھالاشتىكى تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلىدۇ. دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى «2023 - يىللىق جۇڭگو ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى يىللىق دوكلاتى» نى ئېلان قىلىدۇ. جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتى 2024 بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىش مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، «جۇڭگو خەلقارا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كېسىمىنىڭ يىللىق دوكلاتى ( 2023 )» نى ئېلان قىلىدۇ.

تەشۋىقات ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، جايلارمۇ نادىر پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ يىل تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى تەشكىلىي كومىتېتى لياۋنىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، خېنەن، خۇبېي، چۇڭچىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، گۇئاڭجۇ شەھىرى قاتارلىق 10 تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى شۆبە مەيدانىنى تاللاپ تەسىس قىلىپ، «بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى قەدىرلەش، سەمىمىي بولۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئادىل رىقابەتلىشىش» تەك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەدەنىيەت كەيپىياتىنى ئورتاق يارىتىدۇ.

خەۋەر مەنبەسى: دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ئورگان توربېكىتى

http://www.cnipa.gov.cn/art/2024/4/20/art_53_191735.html

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 

ھەمبەھىرلەش