دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ئېچىۋېتىش كۈنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى شۆبە پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

     4-ئاينىڭ 26 - كۈنى ، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 11 شەھەر 15  جايدا ماس قەدەمدە ئېچىۋېتىلدى.  دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شېن چاڭيۈ ئاساسىي يىغىن مەيدانىدىكى پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى،  مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خۇ ۋېنخۇي پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.  تاۋار ماركىسى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن دەن ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم 2023 - يىللىق تاۋار ماركىسىغا بولغان باشقىچە پىكىر ، باھالاشتىكى تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلدى.
    تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ شۆبە يىغىن مەيدانىدا، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى،  پايتەختتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمەت كەسپىدىكى خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگو تاۋار ماركىسى بىناسىغا كىرىپ،  تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە رەھبەرلىرى،  قىسمەن باشقارما،  ئىشخانا مەسئۇللىرى ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ئېچىۋېتىش كۈنى ئاساسىي يىغىن مەيدانىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆردى.
ئىدارە باشلىقى شېن چاڭيۈ تەبرىك سۆزىدە دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ئۆتكەن بىر يىللىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كەسپىي خىزمىتىدىكى ئاساسلىق ئىلگىرىلەشلەرنى تونۇشتۇردى.  ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىپ ۋە قوللاپ ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ،  جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ،  بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش،  جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
   بۇ مەزگىلدە ئاساسىي يىغىن مەيدانى بىلەن ھەرقايسى شۆبە يىغىن مەيدانلىرى تۇتاشتۇرۇلدى ،  تاۋار ماركىسى ئىدارىسى شۆبە يىغىن مەيدانى تۇتاشتۇرۇلۇپ، « تەكشۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش»، «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش يېڭىلىق يارىتىشنى قوغداش» قاتارلىق ھاياجانغا سالىدىغان شوئارلار كۆرگەزمە قىلىنىپ ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى قويۇلۇپ،  ئاساسىي يىغىن مەيدانى بىلەن ئېسىل ھەمتۈرتكە بولۇپ ، تاۋار ماركىسى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجە-ئۈنۈمى نامايان قىلىندى.
   مېھمانلار تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش زالى،  تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ئىش بېجىرىش رايونى، تاۋار ماركىسى ئارخىپ ئامبىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش،  چۈشەندۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ،  ئىش بېجىرىش كۆزنىكىنىڭ كەسپى تېز مۇلازىمىتى ۋە تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى ھېس قىلىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش دەپتىرىنى كۆردى . سۆھبەت يىغىنىدا،  تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ كەسپىي مۇتەخەسسىسلىرى مېھمانلارغا تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، مادرىد تاۋار ماركىسىنى خەلقئارادا رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تونۇشتۇردى ھەمدە مېھمانلار بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلەشتى.  مېھمانلار بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى:بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىپ مول ھوسۇل ئالدۇق، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش تەرتىپىنى باشتىن كەچۈرۈپلا قالماي،  يەنە تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش ئەمەلىيىتى،  جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش ، مادرىد تاۋار ماركىسىنى خەلقئارادا رويخەتكە ئالدۇرۇش،  توردا ئىلتىماس قىلىش ئەمەلىي مەشغۇلاتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق،  خېرىدار بولغۇچىنىڭ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق.ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا كۈچ قوشىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇق.
 

تۆۋەندىكى سۈرەتلەردە بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر:


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 
ھەمبەھىرلەش