بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى بىلەن دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھەمكارلىشىپ قوغداش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2024  ـ يىلى 5ـ ئاينىڭ 11ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ شۇئاڭيۈ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ( تۆۋەندە تاۋار ماركىسى ئىدارىسى دېيىلىدۇ ) بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھەمكارلىشىپ قوغداش مەسىلىسى توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە سۆھبەتلەشتى. دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خۇ ۋېنخۇي بىلەن مەھكىمە باشلىقى ليۇ شۇئاڭيۈ تاۋار ماركىسى بىناسىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھەمكارلىشىپ قوغداش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېن دەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ شۇئاڭيۈ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ جەمئىي 30 دىن ئارتۇق كىشى سۆھبەتكە قاتناشتى.
   بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ مەقسىتى خىزمەت ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھەمكارلىشىپ قوغداش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش. سۆھبەت يىغىنىدا، ئىككى تەرەپ مەمۇرىي قانۇن يۈرگۈزۈش ھۆكۈم ـ كېسىم ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش، چەت ئەلگە چېتىشلىق يەتكۈزۈش يېڭى مېخانىزمىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق دەۋاغا جاۋاب بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇش، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە ۋە كېڭىشىشنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى ۋە ئالاقىدار دەۋا دېلولىرىنى سېلىشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەل لەشتۈرۈش قاتارلىق قارالمىلار ئۈستىدە تولۇق پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇھاكىمە قىلدى ھەمدە نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
   بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئارقىلىق، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىلەن بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسىنى مەمۇرىي قانۇن يۈرگۈزۈشتە ھەمكارلىشىپ قوغداش سالمىقىنى كۈچەيتىش، تەرتىپنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىلەن بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ياخشى ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ، ماسلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، مەمۇرىي قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھەمكارلىشىپ قوغداشنى كۈچەيتىش، تالاش ـ تارتىش ماجىرالىرىنى تېز ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك ياخشى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىش كېرەك.
ھەمبەھىرلەش