پاڭ دوڭلەي ماركىسىنى دورىغان پاڭ دوۋلەي نامىنى يىڭدوۋلەيگە ئۆزگەرتتى

   جېجىياڭدىكى پاڭ دوۋلەي ئەمدى تىجارەت باشلاپ تۇرۇشىغا خېنەندىكى پاڭدوڭلەي ئادۋۇكات خېتى ئەۋەتتى. قانۇن ئورگانلىرى قول تىقماي تۇرۇپلا پاڭ دوۋلەي ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى ،بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا پاڭ دوۋلەي ئۆزىنىڭ دوراش ئىقتىدارىنى بەك ئۈستۈن چاغلاپ ، ئاممىنىڭ كۈچىگە سەل قارىغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا پاڭ دوڭلەينىڭ چاپىنىدا تەرلەش بىرخىل ئەخمىقانىلىق.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا جېجىياڭ جىياشىڭدىكى پاڭ دوۋلەي سودا سارىيى تىجارەت باشلىغان كۈنى نۇرغۇنلىغان چولپانلارنى ، جەمئىيەتكە تونۇشلۇق كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سودا ساراينىڭ ئالدىغا چولپانلارنىڭ تەبرىك بېغىشلىما لوزۇنكىلىرى ئېسىلغان . بۇنىڭدىن پاڭ دوۋلەينىڭ خوجايىنىنىڭ بوش ئادەم ئەمەسلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولاتتى. ئەمما ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ئىش شۇ بولدىكى، پاڭ دوۋلەي ماركىسى بىلەن پاڭ دوڭلەي ماركىسى پەقەت بىرلا خەت پەرقلىق بولۇپ، ئامما پاڭ دوۋلەي سودا سارىيىنىڭ ماللىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ قانداقلىقىنى تېخى سىناپ باقماستىنلا، پاڭ دوۋلەي ئاممىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.

بەزى تورداشلار: ئەگەر پاڭ دوۋلەي ماركىسى قانۇن تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنسا ئۇنداقتا مەن تاۋباۋ، ۋېيشىن، پىندودو دىگەندەك دورامچى ماركىلارنى تىزىملىتىمەن دىيىشكەن.ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا ماركا قانۇنىدىمۇ يۇچۇق بار بولۇپ قالمامدۇ؟ ئەگەر راستىنلا شۇنداق يۇچۇق بولسا داڭلىق ماركىلارنى دوراش قىلمىشىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىك بولمامدۇ؟ پاڭ دوۋلەينىڭ خوجايىنى بۇنداق قىلماسلىقى كىرەك ئىدى. پاڭ دوڭلەينى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ھەرگىزمۇ پاڭ دوۋلەي ماركىسىنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنى قارشى ئېلىشى ناتايىن. يەنىلا ئۆز ئالدىغا باشقىچىرەك ماركا قويۇپ، ئۆز تىجارىتىنى خاتىرجەم قىلغىنى ياخشى. قايسى داڭلىق ماركا باشقىلارنىڭ ماركىسىنى دوراپ بارلىققا كەلگەن؟بۇنداق دورامچىلىق ھامىنى مەغلۇپ بولۇپ، ئىشنى قايتا باشلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دورامچىلىق قىلماي، يېڭىچە ماركا يارىتىپ، ئۆز تىجارىتىنى ياخشى قىلىش كىرەك.


پاڭ دوۋلەي نامىنى يىڭدوۋلەيگە ئۆزگەرتتى. ئىككى ئايغا يېقىن داۋاملاشقان پاڭ دوۋلەينىڭ پاڭدوڭلەي ماركىسىنى دوراش ۋەقەسىنىڭ نەتىجىسى چىقتى. 5-ئاينىڭ 20- كۈنى نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئېلان قىلغان قىسقا فىلىمدە جېجىياڭدىكى پاڭدوۋلەي سودا سارىيىنىڭ نامىنى يىڭدوۋلەيگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى دىيىشكەن بولۇپ، فىلىمدا كۆرسىتىلىشىچە سودا ساراينىڭ سىرتقى تېمىدىكى قىزىل رەڭلىك پاڭدوۋلەي دىگەن 3 خەت يىڭدوۋلەي دىگەن خەتكە ئالماشقان. مۇخبىر مەزكۇر سودا ساراي بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ ئىشنى جەزىملەشتۈرگەن بولۇپ، سودا ساراينىڭ خىزمەتچىسى لى فامىلىلىكنىڭ دىيىشىچە، ئۈندىدار سالونى، سىنقانال قاتارلىق ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى باش سۈرەت ۋە ئىسمى بىردەك يىڭدوۋلەيگە ئۆزگەرتىلگەن.نۆۋەتتە مەركۇز ماركا تىزىملىتىش باسقۇچىدا ئىكەن.


  «تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 57ـ ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ، ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.






ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش