ماركا ئىلتىماس قىلىش بىلەن ماركا رويخەتكە ئېلىش بىرگەپمۇ؟

ماركا ئىلتىماس قىلىش دىگەن نىمە؟
  بىز دەۋاتقان ماركا – تاۋار ماركىسىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتلەرگە ئىشلىتىلىدىغان بەلگە. ماركا ئىلتىماس قىلىش، ماركا رويخەتكە ئېلىش قاتارلىقلارمۇ بىرگەپ.   تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش دىگىنىمىز تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان، ياسىغان، پىششىقلىغان، ئىلغىغان ياكى ساتىدىغان تاۋار ياكى تەمىنلىگەن مۇلازىمىتىگە ئىشلەتكەن تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، قانۇن بويىچە دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىدىغان قانۇنىي تەرتىپنى كۆرسىتىدۇ. پەقەت دۆلەت تاۋار ماركا ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملىغان ماركىلارنىڭلا مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ.
تۆۋەندىكىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇشى:

تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تەرتىپى:
تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش:ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرى، ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىنىڭ ئالدىنقى ھوقۇق بېرىلگەن تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان - كەتمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ. ماركا تەكشۈرۈش ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتىكى تۇنجى ۋە مۇھىم باسقۇچ.
ئىلتىماس ماتىرىيالى تەييارلاش:تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى، تاۋار ماركىسى نۇسخىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تەييارلاش كېرەك، شىركەت نامىدا ئىلتىماس قىلغانلار تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىشى، شەخسىي نامىدا ئىلتىماس قىلغانلار يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ سودا - سانائەت تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
ئىلتىماس سۇنۇش:ئىلتىماس قىلغۇچى تور مۇلازىمەت سىستېمىسى ئارقىلىق تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى توردا تاپشۇرسا بولىدۇ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ھاۋالە قىلغان يەرلىك قوبۇل قىلىش كۆزنىكى، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق مەركىزى ياكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش زالىغا بېرىپ بېجىرسىمۇ بولىدۇ، يەنە دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ بېجىرىشىگە ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.
ھەق تاپشۇرۇش:تۈرى ۋە سانى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ، ئادەتتە ھەر بىر تاۋار ماركىسىنىڭ مۇناسىپ ھۆكۈمەت ھەققى بولىدۇ، ئەگەر ۋاكالەتچى ئاپپاراتقا ھاۋالە قىلسا ۋاكالەتچىلىك ھەققى تۆلەيدۇ.
شەكىل جەھەتتىن تەكشۈرۈش: تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ماتىرىياللارنى تەكشۈرۈپ، تەلەپكە ئۇيغۇن بولسا ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىپ، ئىلتىماس قىلىش كۈنىنى بېكىتىدىغان بولۇپ، بۇ  ئىنتايىن مۇھىم، دۆلىتىمىزدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىش پىرىنسىپى قوللىنىلىدۇ.
ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش:تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشقا مەسئۇل ئورگان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، ماتېرىيال ئىزدەش، تەھلىل قىلىپ سېلىشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتىش ياكى ئىلتىماسنى رەت قىلىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىدۇ.
ئېلان قىلىش:بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تاۋار ماركىسى «تاۋار ماركىسى ئېلانى» دا ئېلان قىلىنىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن تاۋار ماركىسى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئايغىچە باشقىچە پىكىر بەرمىسە، شۇ تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنىدۇ.
تاۋار ماركىسى گۇۋاھنامىسى تارقىتىش:رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانغان تاۋار ماركىسىغا تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش