ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركا ئىلتىماس قىلىش قەدەم باسقۇچلىرى
1-تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش :رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن، ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ، رويخەتكە ئېلىنغان ياكى ئىلتىماس قىلىنىۋاتقان تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشاش بولۇش ياكى ئوخشىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بۇ قەدەم گەرچە مۇھىم بولسىمۇ، لېكىن توقۇنۇشتىن پۈتۈنلەي ساقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
2-ئىلتىماس سۇنۇش:تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى، تاۋار ماركىسى نۇسخىسى، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپات ھۆججىتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش.
3-شەكىل جەھەتتىن تەكشۈرۈش:تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى شەكىل جەھەتتىن تەكشۈرىدۇ، ئاساسلىقى ئىلتىماس ھۆججەتلىرىنىڭ تولۇق ياكى تولۇق ئەمەسلىكى، تولدۇرۇشنىڭ ئۆلچەملىك ياكى ئۆلچەملىك ئەمەسلىكى قاتارلىقلارنى تەكشۈرىدۇ.
4-ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش:تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنىڭ روشەنلىكىنى ھازىرلىغان ـ ھازىرلىمىغانلىقى ،ماركا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان ـ قىلمىغانلىقى، ئاۋۋال ھوقۇق توقۇنۇشى مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى قاتارلىقلارنى ماھىيەتلىك تەكشۈرىدۇ.
دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلانى:تاۋار ماركىسى ماھىيەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلانى چىقىرىلىدۇ، ئېلان مۇددىتى ئۈچ ئاي بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ھەرقانداق بىر كىشى بۇ ماركىغا نىسبەتەن يوللۇق بولغان باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.
5-رويخەتكە ئېلىپ تەستىقلاش:دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلانىنىڭ مۇددىتى توشقاندا باشقىچە پىكىر بولمىسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىشنى تەستىقلايدۇ ھەمدە »تاۋار ماركىسى رويخەتنامىسى » تارقىتىپ بېرىدۇ.
ئەگەر ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان ياكى ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كەتسە ياكى تاۋار ماركىسى قانۇنىدىكى مەنئى قىلىنغان ماددىلارغا خىلاپلىق قىلسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.ماركا ئىلتىماس قىلىشقا تاپشۇرغان ئورگان تەرەپ ھەققىمۇ قايتۇرۇلمايدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش