ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش كۆرسەتمىسىنى تۈزىتىپ مۇكەممەل لەشتۈردى ( بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى گېزىتى )
26 - ماي، دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلىپ، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماتېرىيال، كونكرېت تەلەپ قاتارلىق ئەمەلىي مەشغۇلات مەزمۇنلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى ھەمدە ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمەسلىكنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش دەلىل - ئىسپات دائىرىسى قاتارلىقلارنى تەپسىلىلەشتۈرۈپ، ئىلتىماس قىلىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تەلەپ بويىچە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 49ـ ماددىسى ۋە تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىنىڭ 66ـ ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەتمىگەن بولسا، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىگە رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئىلتىماس سۇنغاندا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئىلتىماس قىلىش قوللانمىسىدا ئىلتىماس قىلغۇچى بىكار قىلىش ئاساسىدا ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەتمەسلىككە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۈچ يىل ئىشلەتمەسلىككە دائىر دەسلەپكى تەكشۈرۈش دەلىل ـ ئىسپاتىنى قوشۇپ ئەۋەتىشى كېرەك، مەسىلەن، توردا ئىزدەش نەتىجىسى، بازار تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىقلار.
تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئىلتىماس كۆرسەتمىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دەسلەپكى تەكشۈرۈش دەلىل ـ ئىسپاتى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ:

تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تىجارەت دائىرىسى ياكى كەسىپ دائىرىسى، تىجارەت ھالىتى ياكى داۋاملىشىش ھالىتى قاتارلىق ئۇچۇرلار؛ ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى بازىرىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى، ئالاقىدار تەكشۈرۈش كەسپىي تۈردىكى سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى بىلەن چەكلەنمەيدۇ؛ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان ھۆكۈمەت تور بېكىتى، ئۈندىدار سۇپىسى نومۇرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، تور سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنى قاتارلىق توردا سۈرۈشتۈرۈش، بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قاتارلىق دەلىل ـ ئىسپات ماتېرىياللىرى.
ۋاڭ گوخاۋ

ۋاڭ گوخاۋ

ھەمبەھىرلەش