ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركا ئىلتىماس قىلىش ۋاكالەتچىلىك ھەققى نىمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ؟
تۆۋەندىكى رەسىمدىكى 2016-يىلى بىردانە ماركا ئىلتىماسىغا خېرىدار ئۈندىداردا ھەق تاپشۇرغان خاتىرە.

يىگىرمەيىل بۇرۇن بىردانە ماركا ئىلتىماس قىلىش ھەققى 1800يۈەندىن 2000يۈەنگىچە ، تەستىقلىنىش ۋاقتى ئادەتتە ئىككى يىل ئەتراپىدا بولاتتى.
ئون يىل بۇرۇن بىردانە ماركا ئىلتىماس قىلىش باھاسى 1200يۈەندىن 1600يۈەنگىچە، تەستىقلىنىش ۋاقتى تەخمىنەن 1-2يىل بولغان.
ھازىر بىر دانە ماركا ئىلتىماس قىلىش ھەققى 500يۈەندىن 1000يۈەنگىچە، تەستىقلىنىش ۋاقتى 8ئايدىن 12ئايغىچە بولىۋاتىدۇ.
باشقا تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرنىڭ باھاسى ئۆسكەن بولسا، ماركا مۇلازىمەت ھەققى ئەكسىچە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دۆلەت ماركا ئىدارىسى ماركا ئىلتىماس قىلىش ئورگان ھەققىنى 2017-يىلى بىر قېتىم تۆۋەنلەتتى، لىكىن باشقا ماركا كەسپلىرىنىڭ باھاسى تۆۋەنلىگىنى يوق. يەنە «بۆرە جىق، گۆش ئاز ». ماركا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ، رىقابەت كۈچىيىپ، باھا تۆۋەنلىتىپ خېرىدار جەلىپ قىلىش ئاساسى ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. مال پۇلىغا چۇشلۇق بولىدۇ دىگەندەك، مۇلازىمەت سۈپىتىمۇ تۆۋەنلەپ، خېرىدارلارنىڭ كەسپنى چۈشەنمەسلىكىدەك ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ يۇشۇرۇن پايدا ئالىدىغان، ئازدۇرۇپ كەسىپ بىجىرگۈزىدىغان ياكى يىتەرلىك مۇلازىمەت قىلمايدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ كەتتى. كۆپتۈرمە ساختا تەشۋىقات، ئازدۇرما ئېلانلار خېرىدارلارغا دەسلەپ خوشاللىق ئېلىپ كەلگەندەك قىلسىمۇ، ئاخىرىدا زىيان كەلتۈردى.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك باھاسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ:
مۇلازىمەت مەزمۇنىدىكى پەرق:ئاساسىي ۋاكالەتچىلىك پەقەت ئىلتىماس سۇنۇشنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن، ئەلا مۇلازىمەت تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، خېيىم - خەتەرنى باھالاش، ماتېرىيال يېزىش، كېيىنكى نازارەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇلازىمەت قانچە ئەتراپلىق بولسا، باھاسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ سالاھىيىتى:چوڭ تىپتىكى مۇنتىزىم ئاپپاراتلارنىڭ تىجارەت تەننەرخى يۇقىرى ( مەسىلەن، كەسپىي كوللېكتىپ، تەرتىپى قېلىپلاشقان )، ئالىدىغان ھەققى كىچىك تىپتىكى ۋاكالەتچى ياكى شەخسلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ كەسىپچانلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈرى:رويخەتكە ئالدۇرغان تۈر سانى قانچە كۆپ بولسا ۋاكالەتچى ئاپپاراتنىڭ خىزمەت مىقدارى ئېشىپ، باھاسىمۇ مۇناسىپ ئۆسىدۇ.

ھەمبەھىرلەش