ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
قانداق ئەھۋاللاردا رەت قىلىنغان ماركا ئىلتىماسىنى قايتا تەكشۈرۈشكە ئىلتىماس قىلىش كېرەك؟
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا رەت قىلىنغان ماركا ئىلتىماسىنى قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلىشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ:
1-تاۋار ماركىسى ئىجادچانلىققا ياكى روشەنلىككە ئىگە بولغاندا:ئەگەر ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى مۇستەقىل لايىھەلەنگەن شەكىل، يېزىق بىرىكمىسى بولۇپ، ئۆزگىچە لايىھەلەش ئىدىيەسى ۋە ئۇسلۇبىغا ئىگە بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىجادىيىتى ۋە خاسلىقىنى نامايان قىلالىسا، ئۇنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ. ياكى تاۋار ماركىسىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىش ئارقىلىق بازاردا بەلگىلىك پەرق ئېتىش دەرىجىسى شەكىللەنگەن بولسا، مەسىلەن، بەزى رايون خاراكتېرلىك داڭلىق ماركىلار ئالاھىدە رايوندا ئىستېمالچىلار تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە تونۇلغان ۋە پەرقلەندۈرۈلگەن بولسا، قايتا تەكشۈرۈشتە ئالاقىدار دەلىل - ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ روشەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، قايتا تەكشۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم ئەتكەن چاي ماركىسى رەت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى ئۈچ يىللىق سېتىش سانلىق مەلۇماتى، ئېلان تارقىتىش خاتىرىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇنىڭ بازاردىكى تەسىر كۈچىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن، قايتا تەكشۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رويخەتكە ئېلىنغان.
2-نەقىل كەلتۈرۈلگەن تاۋار ماركىسى بىلەن روشەن پەرق مەۋجۇت بولغاندا :نەقىل كەلتۈرۈلگەن تاۋار ماركىسى بىلەن ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ شەكىللىنىش ئامىلى، تاشقى كۆرۈنۈشى، مەنىسى ياكى چاقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتە ماھىيەتلىك پەرق بولغاندا، ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى شەكىللەندۈرمەسلىك ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن، گرافىك تاۋار ماركىسىنىڭ لايىھە ئۇسلۇبى، ئاساسىي ئېلېمېنتى ئوخشاش بولمىغاندا؛ يېزىق تاۋار ماركىسىنىڭ خەت شەكلى، تەلەپپۇزى، مەنىسىنىڭ باغلىنىشچانلىقى يوق بولغاندا،مەسىلەن: «گۈلخان» بىلەن «گۈلبەرخان» غا ئوخشاش؛ بىرىكمە تاۋار ماركىسىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈش سېزىمى ئۈنۈمىدە پەرق كۆرۈنەرلىك بولغاندا. قايتا قاراپ چىققاندا، بۇ پەرقلەرنى نۇقتىلىق دەلىللەپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى ۋە خاتا تونۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، قايتا قاراپ چىقىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ.
3-ئاۋۋال ئىشلىتىش ھەمدە سودا ئىناۋىتى جۇغلاش ئەھۋالى مەۋجۇت بولسا : «روشەنلىك خاراكتېرى كەمچىل» دەپ رەت قىلىنغان تاۋار ماركىسىغا قارىتا، ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچى مۇكەممەل بولغان ئىشلىتىش دەلىل ـ ئىسپات ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرالىسا، قايتا تەكشۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن. بۇ دەلىل ـ ئىسپاتلار سېتىش توختامى، تالون قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تاۋار ماركىسىنىڭ سودا پائالىيىتىدىكى ئەمەلىي ئىشلىتىلىشىنى ئىسپاتلايدۇ؛ ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋىرى، مۇكاپات گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلار تاۋار ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئىسپاتلاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئىستېمالچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار ماركىسى بىلەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەندۈرۈش باغلىنىشچانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ دەلىل - ئىسپاتلار ئارقىلىق تاۋار ماركىسىنىڭ ئىشلىتىلىش جەريانىدا روشەنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى، تاۋار ياكى مۇلازىمەت مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ.
» -4 يامان نىيەتتە رەت قىلىش» ياكى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى تالاش ـ تارتىشىغا چېتىلغاندا:رەت قىلىش سەۋەبى «تاۋار ماركىسى قانۇنى» دىكى پىرىنسىپال بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ دەپ قارالسا، مەسىلەن، خاتا ھۆكۈم قىلىنىپ «يامان نىيەتتە بېسىپ قويۇش» دەپ ھۆكۈم قىلىنسا، ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنىڭ ھەقىقىي تىجارەت پائالىيىتىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا؛ ياكى «ناچار تەسىر» بىتىملىرىنى خاتا ئىشلىتىپ قويسا، مەسىلەن، بەزى مەدەنىيەت بەلگىلىرىنى خاتا ھالدا سەزگۈر مەزمۇنغا يىغىنچاقلىسا؛ ياكى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بىردەك بولماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ، ئوخشاش تۈردىكى تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلار. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئىلتىماس قىلغۇچى قايتا قاراپ چىقىش جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ۋە ئاساسلار بىلەن تەمىنلەپ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ رەت قىلىش قارارىنىڭ نامۇۋاپىق جايلىرىنى كۆرسىتىپ، قايتا قاراپ چىقىش نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىشنى قولغا كەلتۈرسە بولىدۇ.
5- تەرتىپ خاراكتېرلىك نۇقسان ياكى دەلىل ـ ئىسپاتنى تولۇقلاش بوشلۇقى چوڭ بولغاندا:ئەگەر تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەكشۈرۈش جەريانىدا بەزى تەرتىپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولسا ياكى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يېڭى دەلىل ـ ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تولۇقلاشقا يېتەرلىك بوشلۇقى بولسا، قايتا تەكشۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا پايدىلىق. مەسىلەن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كېلىشىمىنى تولۇق ئويلاشمىغان، يەنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئاۋۋال تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ئىگىسى تاۋار ماركىسى ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان، لېكىن تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رەت قىلغاندا بۇنىڭغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن بولسا؛ نەقىل كەلتۈرۈلگەن تاۋار ماركىسى بىكار قىلىش ـ ئىناۋەتسىز قىلىش تەرتىپىدە تۇرغاندا، ئۇنىڭ ھوقۇق ھالىتى مۇقىمسىز بولۇپ، ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى رەت قىلىش قارارىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن؛ ئىلتىماس قىلغۇچى رايون خاراكتېرلىك ئىشلىتىش دەلىل ـ ئىسپاتى، ساھە ئالاھىدىلىكى ئىزاھاتى قاتارلىق يېڭى ماتېرىياللارنى تولۇقلاپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىيالايدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش