ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار، بۇياققا دىققەت قىلىڭ.
ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار، بۇياققا دىققەت قىلىڭ. سىز ماركا ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن تەخمىنەن 20 كۈن ئەتراپىدا دۆلەت ماركا ئدارىسىدىن ماركا ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالىسىز، بىرقىسىم ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ كەسىپنى چۈشەنمەسلىكىدىن پايدىلىنىپ ياكى ئۆزى بۇ كەسپنى تولۇق چۈشەنمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ ماتىرىيالنى ماركىنىڭ كىچىك كىنىشكىسى دەپ چۈشەندۈرىدۇ، بۇ ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىغا چوڭ بىر خۇش خەۋەردەك تۇيۇلۇپ، ماركا ئىلتىماسىم تەستىقلىنىپتۇ دەپ خاتىرجەم بولىدۇ ۋە ماركا ۋاكالەتچىسىدىن مىننەتدار بوپ كىتىدۇ. ھەتتا بىرقىسىم ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ماركا ئىلتىماسىنىڭ قۇبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى ئالاھىدە بېسىپ چىقىرىپ جازىغا ئېلىپ تاملىرىغا ئېسىۋالىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆزىنىڭ ئەجىر قىلىپ ئىلتىماس قىلغان ماركا كىنىشكىسىنى چوقۇم قەدىرلەپ ئىشلىتىش كىرەك، لىكىن سىزنىڭ تامغا ئاسىدىغىنىڭىز ماركا ئىلتىماسىنىڭ قۇبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى ئەمەس بەلكى ماركا رويخەت كىنىشكىسىدۇر. ماركا ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى پەقەت ماركا ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنىڭ ئۆلچەملىك يوللىنىپ، ماركا ئىلتىماس ھەققىنىڭ تولۇق تاپشۇرۇلغانلىقى، دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ بۇ ماركا ئىلتىماسىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر ئۇقتۇرۇش بولۇپ، ھەرگىزمۇ ماركا ئىلتىماسىنىڭ چوقۇم تەستىقلىنىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئالدىراپ خوش بولۇپ كەتمەي، كىيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىپ تۇرۇڭ. كەسپىي ئەخلاقنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى، مەلۇم كەسپ ئەھلىنىڭ ئۆز خېرىدارلىرىغا سەمىمىي ، ئىشەنچلىك كەسپىي مۇلازىمەت تەمىنلەش بولۇپ، خېرىدار كەسپنى چۈشەنمەيدۇ دەپلا ساختىلىق ئىشلىتىش بەك چوڭ ئەخلاقسىزلىق.
ماركا ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز، بارلىق ماركا كەسىپلىرىنى بىجىرمەكچى بولسىڭىز، نەشىر ھوقۇقى، تاۋار تاياقچە كود كىنىشكىسى، كارخانىلار ئۈچ ئا ئىناۋەت كىنىشكىسى، تىجارەت كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى بىجىرمەكچى بولسىڭىز، تەكشىلىك ئېلان-تەشۋىقاتلارنى لايىھەلەتمەكچى بولسىڭىز شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. ئالاقە تېلېفون نومۇرى 4000991831. ئالاقە ئۈندىدارى 3935579
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ، تور ئادرېسى :
https://www.marka.cn

ھەمبەھىرلەش