ماركا ئىلتىماس قىلسا باج تۆلەمدۇ؟

ماركا ئىلتىماس قىلسا باج تۆلىمەيدۇ، بۇ بىرقىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ باجغا نىسبەتەن چۈشەنسىچىنىڭ يىتەرسىزلىكىدىن كىلىپ چىققان خاتا كۆز قاراش، شۇنداقلا ماركا ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كىيىن يىلدا تاپشۇرىدىغان ھەق ياكى باشقا چىقىم يوق، پەقەت ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىپ ھەق تاپشۇرساقلا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مەلۇم بىر شەخس ياكى شىركەت نامىدىكى ماركا سانىغىمۇ چەكلىمە يوق، پەقەت ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلمىغان يامان نىيەتتە ماركا ئىلتىماس قىلىش بولمىسىلا قانچە دانە ماركا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىۋىرىدۇ، شۇنداقلا ماركا ئىلتىماس قىلىش ياخشى ئىش بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىڭىزنى قانۇن بويىچە قوغدىغانلىڭىزدۇر. دۆلىتىمىزنىڭ ماركا قانۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىغا ئۇيغۇن بولمىغان ماركا ئىلتىماسلىرىنى دۆلەت ماركا ئىدارىسىمۇ تەستىقلاپ كىنىشكا تارقاتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نامىمدا مانچە دانە ماركا بوپ كەتتى، جەرىمانە قويارمۇ؟ قانداق بولار؟ دەپ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ.
مىنىڭ ئۈندىدار نومۇرۇم:
marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇر ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ.
تور ئادرېسى:  
www.marka.cn 
ھەمبەھىرلەش