ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
شىركەت خوجايىنلىرى بۇياققا دىققەت قىلىڭ.
2024-يىلى 7 - ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمى يولغا قويۇلغان يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شىركەت قانۇنىدا بارلىق شىركەتلەر 5 يىل ئىچىدە تىزىملاتقان مەبلەغنى ئەمەلىي تاپشۇرۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان، تىزىملاتقان مەبلەغنى تاپشۇرۇش چېكىنى 30-40 يىل بىكىتكەن شىركەتلەر 2024-يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بەش يىل ئىچىدە تاپشۇرۇشقا ئۆزگەرتىشى كېرەك، 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كىيىن قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ تىزىملىتىلغان مەبلەغنى ئەمەلىي تاپشۇرۇش يىل چېكى 5 يىلدىن ئاشماسلىقى كېرەك. ئەگەر سىزنىڭ شىركىتىڭىز يوقارقى تەلەپ بويىچە تەڭشەش ئېلىپ بارمىغان بولسا بۇنى دەل ۋاقتىدا تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، تىزىملىتىلغان مەبلەغ سوممىسىنى بەك يوقۇرى بىكىتكەن بولسىڭىز ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزغا قاراپ تۈۋەنلىتىڭ، شۇنداقلا 5 يىل ئىچىدە ئەمەلىي تاپشۇرۇڭ. يەنى شىركەتنىڭ پاي چېكىنىڭ شەخسى بانكا كارتىسىدىن شىركەت بانكا ھىساۋاتىغا «مەبلەغ پۇلى» دەپ ئەسكەرتىپ پۇل ئاغدۇرۇپ ، بۇغالتىرىڭىز تىزىملىتىلغان مەبلەغ تاپشۇرغانلىق ھىساۋاتىنى خاتىرىلەپ باج تاپشۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ئەگەر 5 يىل ئىچىدە تىزىملىتىلغان مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرمىسىڭىز 50مىڭدىن 200 مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ھەمبەھىرلەش