تاۋار سىزىقلىق كودى ئىشلىتىشتە بۇ ئەھۋاللار كۆرۈلسە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ

دۆلىتىمىزنىڭ تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇش چارىسىىنىڭ تۆۋەندىكى ماددىلىرىغا ئاساسەن، تاۋار سىزىقلىق كودى ئىشلىتىشتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.

34-ماددا سىستېما ئەزالىرىدىن زاۋۇت سودىگىرىنىڭ پەرقلەندۈرۈش كودى ۋە مۇناسىپ كود نومۇرىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، 3000 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 
35-ماددا تەكشۈرۈپ رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ، زاۋۇتنىڭ پەرق ئېتىش كودى ۋە مۇناسىپ تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلەتكەن بولسا، تاۋار ئورۇسىغا باشقا سىزىقلىق كودنى ئىشلىتىپ تاۋار سىزىقلىق كودى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ياكى يالغاندىن تاۋار سىزىقلىق كودىنى ياسىغان بولسا ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن زاۋۇتنىڭ پەرق ئېتىش كودى ۋە مۇناسىپ تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلەتكەن بولسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 
36-ماددا ساتىدىغان تاۋارغا رويخەتكە ئالدۇرمىغان، ئەنگە ئالدۇرمىغان ياكى ساختا تاۋار سىزىقلىق نومۇرى بېسىلغان بولسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 
37-ماددا ساتقۇچىلار تاۋار سىزىقلىق كودى نامى بىلەن مال تەمىنلىگۈچىدىن دۇكانغا كىرىش ھەققى قاتارلىق نامۇۋاپىق ھەقلەرنى ئالغان بولسا، مال تەمىنلىگۈچى تەرەپ قانۇن بويىچە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 
مەن ماركا ئەپەندى، تاۋار تاياقچە كود سېستىمىسىنى باشقۇرۇش، تاۋار تاياقچە كودى چىقىرىش ئىشلىرىدا ياردەمگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

 مىنىڭ ئۈندىدار نومۇرۇم: marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇر ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ.
تور ئادرېسى:  www.marka.cn 
 
 

ھەمبەھىرلەش