ماركا ئىلتىماس قىلىشتا نېمە ئۈچۈن ماركا ۋاكالەتچىلىرىگە ھاۋالە قىلىمىز؟

 ماركا ئىلتىماس قىلىش دىگىنىمىز ئۆزىمىز مەلۇم تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە قوللىنىش ئۈچۈن تاللىغان مەلۇم سۆز،بەلگە-شەكىل قاتارلىقلارنى دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئارقىلىق شۇ ماركىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش جەريانى بولۇپ، بۇنى شەخسلەر دۆلەت ماركا ئىدارىسى توردا ماركا ئىلتىماس قىلىش سۇپىسىغا تىزىملىتىپ كىرىپ ئىلتىماس قىلسىمۇ، قانۇنلۇق تىزىملىتىلغان ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلسىمۇ ياكى بېيجىڭدىكى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تىجارەت زالىغا بېرىپ تىزىملاتسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ماركا ئىلتىماس قىلىش كەسپى ھەرگىزمۇ بازاردىن سەي كۆكتات سېتىۋالغاندەك پۇل تاپشۇرۇپلا ئېلىپ ماڭدىغان ئاددىي جەريان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆزىگە لايىق قانۇن-تۈزۈم، ئۆلچەم قائىدىلىرى بولىدۇ. شەخسلەر ئۆز ئالدىغا تىزىملاتسا ئەڭ ئاددىي بولغان ماركا تاۋار ، مۇلازىمەت تۈرىنى تاللاش، ئىلتىماس ماتىرىيالى تەييارلاش باسقۇچىدىلا  قىينىلىپ قالىدۇ. ماركا ۋاكالەتچىلىرى بولسا ئۇزۇن مەزگىل مەخسۇس مۇشۇ كەسىپنى قىلغاچقا كەسپىي سەۋىيەسى، تەجرىبىسى مول، ھەرقايسى جەھەتلەردىن توغرا ئۇسۇلدا يول كۆرسىتىدۇ ۋە ماركا ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنشى نىسبىتى يوقۇرى بولىدۇ.
بېيجىڭدىكى دۆلەت ماركا ئىدارىسى تىجارەت زالىغا بېرىپ بىجىرسىڭىز ئارىلىق يىراق، قولايسىز بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ، تىجارەت زالىدىكىلەر ماركا تەكشۈرۈش، خېيىم-خەتەر ئانالىزى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىمەيدۇ، يەنىلا قىينىلىپ قالىسىز.
قىسقىسى، قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن، دىگەن بەك توغرا گەپ. ماركا ۋاكالەتچىلىرىگە بېرىدىغان ئازغىنە مۇلازىمەت ھەققىگە كۆزى قىيماي تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە ئىقتىسات زىيان تارتقاندىن، كەسپىي ئىشلارنى يەنىلا كەسىپ ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ، تىجارىتىڭىزنى خاتىرجەم قىلىڭ. ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى تاللىغاندىمۇ باھانىڭ تۆۋەن بولۇشىنىلا قوغلاشماي، كەسپىي سەۋىيىسى مول، تەجرىبىلىك، ئىشەنچلىك ئورۇننى تاللاڭ.

مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ.
مىنىڭ ئۈندىدار نومۇرۇم: 
marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇر ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ.
تور ئادرېسى:  
www.marka.cn 
ھەمبەھىرلەش
  • ئالدىنقى مەزمۇن: 最后一页
  • كېيىنكى مەزمۇن: تاۋار ماركىسى مۇھىممۇ ياكى ئەسەر ھوقۇقىمۇ؟