ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۈتەي.
بىز ماركا ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن، دۆلەت ماركا ئىدارىسى ماركا تەكشۈرگۈچى خادىملىرى بىز ئىلتىماس قىلغان ماركىنى ماس كەلگەن تۈرى ، ماركا ئۈستىدىكى ھەرقايسى يېزىق ياكى بەلگىلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈپ، بۇرۇن ئوخشاش تۈردە شۇ ماركىغا ئوخشاش ياكى يېقىن كېلىدىغان ماركا بار يوقلۇقىنى ئېنىىقلايدۇ. ئەگەر ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان باشقا ماركا بايقالمىسا بىزنىڭ ماركا ئىلتىماسىمىزنى دەسلەپكى قەدەمدە تەستىقلاپ، ماركا ئىلتىماسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرىشىنى تارقىتىدۇ. مانا بۇنىڭدەك.

 لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ماركا ئىلتىماسىمىزنىڭ چوقۇم تەستىقلىنىدىغانلىقدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بۇ پەقەت دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولۇپ، دۆلەت ماركا ئىدارىسىدىكى ماركا تەكشۈرگۈچى خادىملارمۇ ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش ھۆكۈمىگە پۈتۈنلەي ئىشەنچ قىلىپ بولالماي،دۆلەت ماركا ئىدارىسى تور بېكىتىدە ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە باشقىلارنىڭ يوقارقى ماركا ئىلتىماسىنىڭ دەسلەپكى تەستىقتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشىغا  نىسبەتەن قارشى پىكىر بېرىشىنى ساقلايدۇ. ھەرقانداق بىر شەخس دەسلەپكى تەستىقتىن ئۆتكەن ماركا ئىلتىماسىغا نىسبەتەن باشقىچە پىكىردە بولسا، يەنى بۇ ماركا تەستىقلانسا ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئىلتىماس قىلغان ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلىدۇ دەپ قارىسا ياكى باشقا سەۋەبلەر بولسا ، ئورۇنلۇق ئىسپاتلار بىلەن مۇشۇ ئۈچ ئايلىق مۆھلەت ئىچىدە دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. دۆلەت ماركا ئىدارىسى قارشى پىكىر ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يوقارقى ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى قايتا قاراپ چىقىپ، راستىنلا قارشى پىكىر بەرگۈچىنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش  ياكى باشقا ئەھۋاللار مەۋجۇت دەپ قارىسا بۇ ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى رەت قىلىدۇ. ئەگەر قارشى پىكىر بەرگۈچىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى ماركا ئىدارىسى تەكشۈرگۈچى خادىملىرىنى قايىل قىلالمىسا، قارشى پىكىر ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى رەسمىي تەستىقلاپ ماركا كىنىشكىسى تارقىتىدۇ. ئەگەر يوقارقى 3 ئاي مۆھلەت ئىچىدە ھېچكىم قارشى پىكىر بەرمىسە، يوقارقى ماركا رويخەت ئىلتىماسى 3 ئايدىن كىيىنلا رەسمىي تەستىقلىنىپ ماركا كىنىشكىسى تارقىتىلىدۇ.

مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى: www.marka.cn

 
ھەمبەھىرلەش