ناخشا تېكىستى ۋە مۇزىكىغا ئەسەر ھوقۇقى تىزىملىتىپ قوغداشقا بولامدۇ؟

ناخشا تېكىستى ۋە مۇزىكىغا ئەسەر ھوقۇقى تىزىملىتىپ قوغداشقا بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئەسەر ھوقۇقىغا تىزىملىتىشقا بولىدىغان ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، يازما ئەسەرلەر، مۇزىكا، تىياتىر، ئەلنەغمە، ئۇسسۇل، سېرك سەنئەت ئەسەرلىرى،گۈزەل سەنئەت، بىناكارلىق ئەسەرلىرى،فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى،ئۈن - سىن ئەسەرلىرى،قۇرۇلۇش چېرتيوژى، مەھسۇلات تاشقى ئورالما لايىھەسى، خەرىتە،  ماركا بەلگىسى قاتارلىق گرافىك ئەسەرلىرى ۋە مودېل ئەسەرلىرى، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسەر ھوقۇقىغا تىزىملىتىپ ئىسپات ئېلىشقا بولىدۇ.
ئەگەر سىز ناخشا ئىجاد قىلغان بولسىڭىز،  ناخشا تېكىستى ۋە بۇنىڭ مۇزىكا قىسمى،  يەنى نوتىسىنىڭ  ئەسەر ھوقۇقىنى قوغدىماقچى بولسىڭىز دۆلەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسىغا ئەسەر ھوقۇقىغا تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا سىز ئىجاد قىلغان شۇ ناخشا تىكىستى ۋە مۇزىكىسىنىڭ ئىجادچىسىنىڭ سىز ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان ئەسەر ھوقۇقى كىنىشكىسىگە ئىگە بولىسىز، باشقىلار ھوقۇقىڭىزغا دەخلى قىلسا مۇشۇ ئىسپات ئارقىلىق ئەسەر ھوقۇقىڭىزنى قوغدىسىڭىز بولىدۇ.

مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مىنىڭ ئۈندىدار نومۇرۇم: marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇر ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ.
تور ئادرېسى:  
www.marka.cn 
 
ھەمبەھىرلەش