ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركا كىنىشكىسى قايتا تارقىتىلمايدىغان ئەھۋاللار
ماركا كىنىشكىسى قايتا تارقىتىلمايدىغان ئەھۋاللارنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ قوياي.
ئالدىنقى فىلىمدا ماركا نامى يۆتكەلگەندىن كىيىن، دۆلەت ماركا ئىدارىسى پەقەت ماركا نامى يۆتكەلگەنلىك ئىسپاتىنى تارقىتىدۇ، يېڭىدىن ماركا كىنىشكىسى تارقاتمايدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدىم. بۇ فىلىمدا ماركا نامى يۆتكەلگەندىن باشقا يەنە قانداق ئەھۋاللاردا ماركا كىنىشكىسى قايتا تارقىتىلمايدىغانلىقىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويماقچىمەن.
ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كىيىن دۆلەت ماركا ئىدارىسى ماركا ۋاقتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىق ئىسپاتىنى تارقىتىدۇ، يېڭى ماركا كىنىشكىسى تارقاتمايدۇ.
ماركا ئىگىسى نامى، ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولۇپ ئۆزگەرتىش ئىلتىماسى يوللىغاندا ، دۆلەت ماركا ئىدارىسى ماركا ئىگىسى نامى ياكى ئادرېسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىك ئىسپاتىنى تارقىتىدۇ، يېڭىدىن ماركا كىنىشكىسى تارقاتمايدۇ.
ئەگەر ماركا ئىگىسى نامى، ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلاردا خاتالىق بارلىقى بايقالسا تۈزىتىش ئىلتىماسى يوللىغاندىمۇ شۇ ئۇچۇرلارنىڭ تۈزىتىلگەنلىك ئىسپاتىنى چىقىرىپ بېرىدۇ، يېڭىدىن ماركا كىنىشكىسى تارقاتمايدۇ.
گەرچە ماركا كىنىشكىسى يېڭىدىن تارقىتىلمىسىمۇ، توردا تەكشۈرگەندە يوقارقى ئۇچۇرلار ئەڭ يېڭى ئۆزگەرگەن ھالەتتە كۆرۈنىدۇ.يوقارقى ئىسپاتلار بىلەن ئەسلى ماركا كىنىشكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىسىز.
لېكىن ماركىنى ئەمەلىي قوللىنىش جەريانىدا بەزىدە ماركا كىنىشكىسىدىكى يوقارقى ئۇچۇرلار ئوخشىمىغاچقا ئاز بىرقىسىم ئورۇنلار شۇنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ياكى ئىسپاتلاش قىيىن بولىدىغان ئەھۋاللار ئۇچراپ قېلىشى مۈمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا بىز ماركا كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ چىقىرىش كەسپىنى بىجىرىپ ئۇچۇرلار ئۆزگەرگەندىن كىيىنكى يېڭى ماركا كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ چىقارساق بولىدۇ . لېكىن ، ماركا كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ چىقىرىشقا دۆلەت ماركا ئىدارىسى يەنە ھەق ئالىدۇ. ھەم بۇنىڭ ھەققى ماركا ئىلتىماس قىلىش كەسپىدىن يوقۇرى بولىدۇ. ماركا كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ چىقىرىشنىڭ چىقىم بىرقەدەر تۆۋەن بولغان يەنە بىر ئۇسۇلى بار، ئەگەر سىز مۇشۇ كەسپكە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز مەن بىلەن ئايرىم ئالاقىلىشىڭ، مەن سىزگە يول كۆرسىتەي.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى: www.marka.cn

ھەمبەھىرلەش