2025 - يىللىق تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش ئىشلىرىدىن جەمئىيەتنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

ھۆرمەتلىك تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلغۇچى، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسى:
تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچى، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسىنىڭ تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش خىزمىتىگە بەرگەن باھاسى ۋە تەكلىپىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى 2025 - يىلى 10 - ئايدىن 2026 - يىلى 4 - ئايغىچە 2025 - يىللىق تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىش بويىچە جەمئىيەتنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى توردا تەكشۈرۈش شەكلى قوللىنىلىدۇ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى 2025 - يىلى تاۋار ماركىسى كەسپىنى بېجىرگەن تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسى بولىدۇ.
تەكشۈرۈش جەدۋىلىنىڭ تەستىق نومۇرى دۆلەت ئۆلچىمى [ 2025 ] 130 - نومۇرلۇق بولىدۇ.
تەكشۈرۈشتە نامسىز ئۇسۇل قوللىنىلىپ، تۆۋەندىكى ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكانىرلاش
ياكى تور ئادرېسى
https://www.wjx.cn/vm/O5UtXWi.aspx
ئارقىلىق تەكشۈرۈش تاماملىنىدۇ.
سىزنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن بىزگە ياردەملىشىپ بۇ قېتىمقى سوئال قەغىزى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى تاماملىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىز «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىز ۋە جاۋابىڭىزنى قاتتىق مەخپىي تۇتىمىز. سىزنىڭ ماسلاشقىنىڭىزغا ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.

دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى
2025-يىلى 10 - ئاي
ھەمبەھىرلەش