ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ئۆزىنى ماختاپ، كەسىپداشلىرىنى قەستەن قارىلاش بەدىلىگە خېرىدار جەلىپ قىلىشقا قانداق قارايسىز؟
ئۆزىنى ماختاپ، كەسىپداشلىرىنى قەستەن قارىلاش بەدىلىگە خېرىدار جەلىپ قىلىشقا قانداق قارايسىز؟ كەسىپداشلىرىڭىزنى سىزگە يامان كۆرسىتىش بەدىلىگە سىزگە ياخشىچاق بولۇشنى ئويلايدىغان خېرىدارغا قانداق قارايسىز؟ مەنچە يوقارقىلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئەخلاقسىزلىق، ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەنمەي، بىر تەرەپنىڭ ئىسپاتسىز گەپلىرى بىلەنلا باشقىلارغا باھا بېرىش ئالدىراقسانلىق ھىسابلىنىدۇ. مەن ئۆزەمنى ماختىمايمەن، ھەم كەسىپداشلىرىمنى قارىلاپ چۈشۈرۈش بەدىلىگە خېرىدارغا ياخشى تەسىر بېرىشنىمۇ خالىمايمەن. لېكىن، ھەرقانداق كەسىپتە ساختىپەزلەر، قاراپ تۇرۇپ خېرىدارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش بەدىلىگە ئۆزىگە پايدا كۆزلەيدىغان كەسپىي ئەخلاقى ناچارلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقى كەسپلىرىدىمۇ شۇنداق. بەزى ئىچكى ئەھۋاللارنى بىز بىلگەچكە خېرىدارلار ئالدىنىپ قالسا ئىچىمىز ئاچچىق بولۇپ كىتىدۇ. مەن بۇرۇن يوللىغان بىرقىسىم فىلىملىرىمدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كەسپىدىكى بىرقىسىم ناچار قىلمىشلارنى سۆكۈپ مەزمۇن سۆزلىدىم، بۇ سۆككەنلىرىم رايۇنىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى كۆپىنچىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىرقىسىم كەسىپداشلار بولۇپ، بۇلار ھەتتا شۇ ساختىلىقلىرىنى خىجىل بولماي ماڭىمۇ ئىشلىتىشكە ئۇرۇنغاچقا دەرھال كۆپچىلىككە ئەسكەرتىپ زىياندىن ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلدىم. بىزنىڭ رايۇنىمىزدىمۇ كەسپىي ئەخلاقى ياخشى، سەمىمىي، ئىشەنچلىك كەسپداشلار كۆپ ساندا. لېكىن ئاز بىر قىسىم كەسپىي ئەخلاقى ناچار ياكى بۇ كەسپنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ خېرىدارغا ۋەدە بېرىپ ئاخىرىدا كەسىپنى نۇرمال بىجىرىپ بېرەلمەيدىغانلارمۇ بار. ئالدىنقى ئايدا ماركا كەسىپلىرىنى بىجىرىش ئۈچۈن ئىشخانامغا مېنى ئىزدەپ كەلگەن ئىككى نەپەر خېرىدار بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىۋېتىپ، نەق مەيداندىلا يەنە بىر كەسىپداشنىڭ ئۇلارغا ساختا گەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ سەل خىجىل بولۇپ قالدىم. بۇ خېرىدارلارنى باشقىلار ئالدىسا نىمە ئۈچۈن مەن خىجىل بوپ قالىمەن؟ چۈنكى، ئۇ خېرىدارلار شۇ يەردىلا ئالدانغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئىچى ئاچچىق بولۇپ، بۇ كەسىپنى قىلىدىغانلاردىن ئىشەنچلىكلەرنى تاپماق نىمانچە تەستۇ؟ دەپ سالدى، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى كىيىنكى مەزمۇندا سۆزلەپ بېرەي.
ھەمبەھىرلەش
