ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
بىرئاي بۇرۇن ئىككى خېرىدار ماركا ئىلتىماس قىلماقچى بولۇپ شىركەتكە ئىزدەپ كەپتۇ.
بىرئاي بۇرۇن ئىككى خېرىدار ماركا ئىلتىماس قىلماقچى بولۇپ شىركەتكە مېنى ئىزدەپ كەپتۇ. پاراڭلىشىش جەريانىدا يېرىم يىل بۇرۇن باشقا بىر ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىدا ماركا ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى دىگەچ شۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى نەدىن نەگىچە كۆرۈپ بەرسىڭىز دىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن شۇ ماركا توغرىلىق قولۇڭلىدا قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى دىگەندەك بىرەر ئىسپات بارمۇ دەپ سورىسام تېلېفوندا بىرپارچە ماركا ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسەتتى. ئىنچىكىلەپ قارىسام بۇ قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى راستىنلا بۇندىن يېرىم يىللار بۇرۇن ئەۋەتىلگەنكەن، لېكىن بۇنىڭ ئۈستىدە ماركا ئىلتىماس نومۇرى يوقكەن. شۇنىڭ بىلەن ماركىنىڭ يېزىقى ۋە تۈرى بويىچە توردا تەكشۈرۈپ باقسام بۇنداق ماركا ئىلتىماس ئۇچۇرى چىقمىدى، لېكىن بۇنىڭغا ئوخشاش ماركىنى ئوخشاش تۈردە باشقىلار نەچچە يىل بۇرۇنلا ئىلتىماس قىپ بوپتىكەن، ئاپلا دەپ قالدىم، ئۇلارغا ئەھۋالنى دىسەم، ئۇلار ئاۋۇ ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىدىكىلەر ماركا كىنىشكىسى چىقىدىغانغا ئاز قالدى دىگەنتى، بۇ قانداق ئىش بوپ كەتتى دەپ ئويلىنىپ قالدى ۋە دەرھال شۇ ماركا ۋاكالەتچىسىگە تېلېفون قىلدى ۋە ماركا ئىلتىماس نومۇرىنى سورىدى، ماركا ۋاكالەتچىسى تېلېفوننى ئېلىپلا، مەن سىزنى ئىزدەي دەپ تۇرغانتىم، تىجارەت كىنىشكىڭىزنى قايتا يوللاپ بەرسىڭىز، ماركا كىنىشكىڭىز چىقىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئىلتىماس نومۇرىنى سەل تۇرۇپ ئىچكىردىكى شىركەتتىن سوراپ ئەۋەتىپ بىرەي ، ماركا ئىلتىماسىڭىز چوقۇم تەستىقلىنىدۇ، ئاز قالدى دېدى. يېنىمدىكى خېرىدار ماڭا مەنىلىك قاراپ قۇيۇپ چاندۇرماي تېلېفوننى قويىۋەتتى، لېكىن بايىقى توردا تەكشۈرگەن ئەھۋاللار ۋە تېلېفوندا دىيىشكەن گەپلەردىن بۇ ئىشتا مەسىلە بارلىقىنى ھىس قىلىپ ماركىسىدىن ئەنسىرەپ قېلىشتى ۋە « نەچچە قېتىم مۇشۇنداق ماركا ئىلتىماس قىلىمىز دەپ ئاخىرى چىقماي، يا تەستىقلانغانلىقىنىمۇ ئۇقالماي پۇلمۇ يوق، بىكا ئاۋارە بوپ كەتتۇق، بۇ ماركا ئىشىنى قىلىدىغانلاردىن ئىشەنچىلىكلەرنى تاپماق نىمانچە تەستۇ؟» دىيىشىپ قالدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەنمۇ سەل خىجىل بولۇپ قالدىم، لېكىن، ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەنمىگەچكە ئۇ ماركا ۋاكالەتچىسى توغرىلىقمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي، يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ بايىقى ئەھۋالنى دەپ بېقىڭلا دىدىم ۋە يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىدىغان ماركا ئىلتىماسىنى نەق مەيداندا ماركا ئىدارىسىغا يوللاپ، توختام چىقىرىپ بەردىم، ئۇلارمۇ ئىشلىرى تۈگەپ قايتىپ كەتتى. مەن ئويلىنىپ قالدىم، بىر چاشقان بىر قازان شورپىنى بۇلغىغاندەك، مۇشۇنداق كەسپنى تولۇق چۈشەنمەي چالا ئىش قىلىپ ياكى ساختىپەزلىك قىلىپ خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالىدىغانلار ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىمۇ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ساختىپەز، كاززاپتەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا دەيدىغىنىم، ماركا كەسپى ئادەتتىكى كىشىلەر ئويلىغاندەك بازاردىن سەي - كۆكتات سېتىۋالغاندەك بېرىپ تاللاپلا سېتىۋالىدىغان نەرسە ئەمەس،بۇمۇ بىر كەسىپ، ئۆزىگە لايىق قانۇن-نىزاملىرى، قائىدىلىرى بولىدۇ، بۇنى چۈشەنمەيلا سۈپەتكە قارىماي باھانىڭ ئەرزان بولۇشىنى قوغلاشقاندا پۇل ۋە ۋاقىت ئىسراپ بولۇپلا قالماي، ماركىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئالتۇن ۋاقتىنى، پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن كەسپىي ئىشلاردا ئەرزاننى ئەمەس، كەسپتە پىشقان، تەجرىبىلىك، ئىشەنچلىك ئورۇننى تاللاڭ، باھا چۈشكەنسىرى سۈپەت ناچارلىشىدۇ، دەسلەپ پايدا ئالغاندەك تۇيۇلغان بىلەن ئاخىرىدا ئەسلىدىكىدىنمۇ ئېغىر زىيان تارتىپ قالىسىز.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى: www.marka.cn
شۇنىڭ ئۈچۈن كەسپىي ئىشلاردا ئەرزاننى ئەمەس، كەسپتە پىشقان، تەجرىبىلىك، ئىشەنچلىك ئورۇننى تاللاڭ، باھا چۈشكەنسىرى سۈپەت ناچارلىشىدۇ، دەسلەپ پايدا ئالغاندەك تۇيۇلغان بىلەن ئاخىرىدا ئەسلىدىكىدىنمۇ ئېغىر زىيان تارتىپ قالىسىز.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى: www.marka.cn
ھەمبەھىرلەش
