ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركا كىنىشكىسىدىكى ماركا بەلگىسى، يېزىق قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
ماركا ئىلتىماس قىلىپ كىنىشكىسى چىقىپ بولغاندىن كىيىن ، ماركا كىنىشكىسىدىكى ماركا بەلگىسى، يېزىق قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ نەق جاۋاپ شۇكى، بولمايدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 49- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىلاردىن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى، رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى رويخەتكە ئالدۇرغان باشقا ئىشلارنى ئۆزگەرتىۋالغانلىرىنى يەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت توشسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىكار قىلىدۇ.
دىمەك، يوقارقى قانۇن بەلگىلىمىسى بويىچە، ئەگەر رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئۈستىدىكى يېزىقنىڭ خەت شەكلى، چوڭ-كىچىكلىك نىسبىتى، ئورنى، مەزمۇنى ياكى بەلگە-شەكىللەرنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن ماركا بەلگىسىنى قايتىدىن رويخەتكە ئىلتىماس قىلىش كېرەك.ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى ماركا بەلگىسى يەنى لوگو باشقىلارنىڭ بۇرۇن ئىلتىماس قىلغان ماركا ھوقۇقىغا ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى قىلماسلىقى كېرەك. يېڭى ماركا بەلگىسىنى داۋاملىق تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئىشلەتمەكچى بولغاندا ماركا بەلگىسى يېنىغا چەمبەر ئىچىدىكى ئار بەلگىسى يەنى رويخەتكە ئېلىنغان ماركا بەلگىسىنى قويۇشقا بولمايدۇ، پەقەت ئىنگىلىزچە تى ئېم بەلگىسىنى قويۇشقا بولىدۇ. پەقەت كىيىنكى ماركا ئىلتىماسى تەستىقلاندىن كىيىنلا ئەڭ خاتىرجەم ھالدا ئىشلىتەلەيسىز. نۇرغۇن ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ماركىنى تۈزلا يېزىق ھالەتتە ئىلتىماس قىلىپ ئەمەلىي ئىشلەتكەندە ئۆزگەرتىپ ياكى بەلگە-شەكىللەرنى قوشۇپ ئىشلىتىدۇ، بۇ خىل قىلمىش دەل ماركا قانۇنىڭ يوقارقى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. گەرچە بۇ خىل قىلمىشلارغا قارىتا جازا بېرىلگەن ئەمەلىي مىساللار كۆپ بولمىسىمۇ، شۇنداقلا مەجبۇرلاش خاراكتىرلىك بولمىسىمۇ، لېكىن ئالاھىدە ئەھۋاللاردا، بولۇپمۇ ماركا تالاش-تارتىشلىرى يۈز بەرگەندە ياكى ماركىنى ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمىدى دەپ بىكار قىلىشقا ئىلتىماس قىلىنىپ ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتى تەلەپ قىلغاندا ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن ماركا بەلگىسى رويخەتكە ئېلىنغان ماركا بەلگىسى بىلەن ئوخشىمىسا ماركىنى توغرا ئىشلەتمىگەنلىك سەۋەبىدىن تالاش-تارتىشلاردا يېڭىلىپ قالىدىغان ياكى ماركىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۈمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى: www.marka.cn
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى: www.marka.cn
ھەمبەھىرلەش
