ئەگەر سىزنىڭ ماركىڭىزنىڭ ئۈستىدىكى دۆلەت يېزىقى، ئۇيغۇرچە، لاتىنچە يېزىقلارنىڭ تۈرىنى، ئورۇن تەرتىۋى، چوڭ كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى بىلەمسىز؟

ئەگەر سىزنىڭ ماركىڭىزنىڭ ئۈستىدىكى دۆلەت يېزىقى، ئۇيغۇرچە، لاتىنچە يېزىقلارنىڭ تۈرىنى، ئورۇن تەرتىۋى، چوڭ كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى بىلەمسىز؟
رويخەتكە ئېلىنغان ماركىنى ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا بەزىدە ماركىنىڭ ئۈستىدىكى يېزىقلارنى ئايرىم ئىشلىتىدىغان، يېزىقلارنىڭ ئورۇن - تەرتىۋى، چوڭ كىچىكلىكى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە ئىھتىياجلىق ئەھۋاللار بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا پەقەت يېزىق قىسمىدىلا ئۆزگىرىش بولغاندىكىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسىڭىز ھېچكىمنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلغان بولمايسىز، پەقەت ئۆزگەرگەن ماركا بەلگىسىگە چەمبەر ئىچىدىكى R بەلگىسىنى قويمىسىڭىزلا بولىۋىرىدۇ. لېكىن ماركا قانۇنىنىڭ قوغدىشىغا  ئېرىشىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم ئاشۇ ئۆزگەرگەن ھالىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۆز نامىڭىزدا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىشىڭىز، ماركا رەسمىي تەستىقلانغاندىن كىيىن ئاندىن چەمبەر ئىچىدىكى R  بەلگىسىنى قوشۇپ ئىشلىتىشىڭىز كېرەك. يەنى ماركا كىنىشكىسىدە قانداق بولسا شۇنداق ئىشلىتىش كېرەك. ئەلۋەتتە، رەڭسىز ئىىلتىماس قىلىنغان ماركىلارنىڭ رەڭگىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا  بۇ قىلمىشىڭىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۈرىيىتى تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 49- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.

 مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى:
www.marka.cn
 
ھەمبەھىرلەش