ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى شېنجېندا 2025-يىللىق تاۋار ماركىسىنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى 24 - نويابىردىن 25 - نويابىرغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرىدە 2025 - يىللىق 2 - بېكەت تاۋار ماركىسى توغرىسىدا مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلىدى. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ،مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۈن جاڭيەن ،شېنجېن شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ،2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى مو شىلىڭ يىغىنغا قاتناشتى.
25-چېسلا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانا مەسئۇللىرى ۋە كەسپىي تايانچلار جۇغراپىيەلىك بەلگىنى تەكشۈرۈش ۋە بېكىتىش، ئالدامچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىشنى تەكشۈرۈش سىياسىتى، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن كېيىنكى كەسىپ، ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ تەكشۈرۈش ئەمەلىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ لېكسىيە سۆزلىدى. شېنجېن شەھىرىدىكى كارخانىلار ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شېنجېن شەھىرى، رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە كەسىپ قوبۇل قىلىش كۆزنىكىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 120 كىشى نەق مەيداندا ئاڭلىدى ھەمدە تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماس ماتېرىيالى، ئۈچ ئىلتىماسنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇش ئىسپاتىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق كارخانىلارنىڭ دائىملىق ئەمەلىي ئىشلىرى توغرىسىدا پائال پىكىر ئالماشتۇردى. نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار تەشۋىقاتنىڭ مول، مەزمۇنىنىڭ پۇختا ئىكەنلىكىنى، كارخانىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى ۋە تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە بولغان دائىم كۆرۈلىدىغان گاڭگىراشلىرىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى، كارخانىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى قوغداش تاكتىكىسىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. تەشۋىقات مەزمۇنى توردا بىۋاستە كۆرسىتىلدى، توردا كۆرگۈچىلەر 273 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

24- چېسلا چۈشتىن كېيىن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى كارخانىلارنىڭ تاۋار ماركىسى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى يۈزتۇرا ئاڭلاپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ «15 - بەش يىللىق» يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى. شۇ جايدىكى كارخانا، ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان 30 ۋەكىلى 50 كە يېقىن مەسىلە ۋە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، نۇقتىلىق ھالدا يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىگە مۇناسىۋەتلىك تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى تۈرگە ئايرىش، چەت ئەلدە رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنىڭ ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش ۋە ئىناۋەتسىز بولۇشقا تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىسى، يېڭى تاۋار ماركىسىنى توردا ئىلتىماس قىلىش سىستېمىسىنىڭ تورغا چىقىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشتى. تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ كەسپىي مۇتەخەسسىسلىرى نەق مەيداندا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئەمەلىي مەسىلىلىرىدىكى گۇمانلارغا جاۋاب بېرىپ، كارخانىلارنىڭ چەت ئەلدىكى ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن يېتەكچى پىكىر بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ، ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئەقىل ـ پاراسەت بېرىشنى كۈچەيتتى. تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ماركا قىممىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتى، تىجارەت سۇبيېكتى ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ تاۋار ماركىسى خىزمىتىگە بولغان ئۈمىدىگە ئاۋاز قوشىدۇ.

مەنبەسى: دۆلەت تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تور بېكىتى
https://sbj.cnipa.gov.cn/sbj/ssbj_gzdt/202512/t20251203_36765.html

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

https://www.marka.cn
ھەمبەھىرلەش