ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
سىز ماركا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ نېمىدىن ئەڭ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئەگەر ماركا ۋاكالەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ كەسپىي ئەخلاقى نۇرمال، سەمىمىي، مەسئۇلىيەتچان بولسىلا تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ:
1- ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلغان ماركىنىڭ تەستىقلانماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى، ماركا ۋاكالەتچىسى ماركا ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرى شۇ ماركىنىڭ تەستىقلىنىش ياكى تەستىقلانماسلىقىنى تەكشۈرۈپ تەخمىنەن پەرەز قىلىدۇ، تەستىقلىنىش نىسبىتى يوقۇرى بولغان ماركىنى رويخەتكە ئىلتىماس قىلىدۇ. ئەگەر ماركا ئىلتىماسى تەستىقلانمىسا ئۆزىنىڭ خاتا ھۆكۈم قىلىپ قويغىنىدىن ۋە شۇ سەۋەبتىن ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىغا ۋاقىت ۋە ئىقتىسات جەھەتتىن زىيان كەلتۈرگەنلىكىدىن كۆڭلى غەش بولىدۇ.
2- ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرىنى توغرا تاللاپ، ماس كەلگەن ماركا تۈرى بويىچە ماركا ئىلتىماس قىلماي، بەزى مۇھىم تۈرلەرنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ۋە شۇ سەۋەبتىن بۇ تۈرلەرنى باشقىلار ئىلتىماس قىلىۋېلىپ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ.
3- ماركا ئىلتىماس ماتېرىياللىرى تولۇق بولماسلىق ياكى توغرا تولدۇرۇلماسلىقى سەۋەبىدىن ئىلتىماس قۇبۇل قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى، يوقارقىدەك ئەھۋال يۈز بەرسە ماركا ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى چىقماي، ماركىنىڭ ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى سوزۇلۇپ كىتىدۇ.
4- ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىغا ماركىنىڭ تەستىقلىنىش نەتىجىسى بەلكىم 4-5 ئايدا ياكى بىرەر يىلدا چىقىشى مۈمكىن دەپ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ تۇرسىمۇ، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچى ھەپتە-ئون كۈندە بىر قېتىم ماركا ئىلتىماسىم قانداق بولدى دەپ قايتا-قايتا سۈرۈشتە قىلىۋىرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
5- ماركا ئىلتىماس قىلغۇچى مەلۇم بىر ماركىنى نەچچە كۈنلەپ ھەتتا ئايلاپ سۈرۈشتە قىلىپ، تەكشۈرگۈزۈپ، ئىلتىماسقا يوللاش باسقۇچىغا كەلگەندە جىممىدە يوقاپ كىتىشىدىن،سۈپەتنى سېلىشتۇرماي باھانىلا سېلىشتۇرۇپ ، ئەرزان باھا بىلەن قىزىقتۇرغانلارغا كەسىپ بىجىرگۈزۈپ، ماركا كەسىپلىرىنى چۈشەندۈرۈش، ماركىنى تەكشۈرۈش، ئانالىز قىلىش قاتارلىقلارغا كەتكەن ۋاقتى ۋە زىھنىنىڭ بىكار ئىسراپ بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بەلكىم بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ماركا تەكشۈرۈش، ئانالىز قىلىش ھېچقانداق پۇل چىقىم بولمايدىغان، مۇنداقلا تەكشۈرۈپ دەپ قويسىلا بولىدىغان ئاددىي ئىش بولۇشى مۈمكىن، ئەمەلىيەتتە بولسا ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بۇنىڭغا چوقۇم كەسپىي سەۋىيە، تەجرىبە، ئەستايىدىللىق ۋە سەمىمىيلىك بولۇشى كېرەك. ماركا ۋاكالەتچىلىرىمۇ شۇ سەۋىيەگە يىتىش ئۈچۈن ئاز ئەجىر قىلمىغان، ئۇلارنىڭمۇ ۋاقتى ئالتۇندىن قىممەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان، ھەممە ئادەمنى ئۆزىدەك بىكارچى ياكى ئەمگىكىنى قەدىرسىز دەپ قارايدىغانلارغا ئۇچراپ قېلىش ماركا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىشلارنىڭ بىرسى.
6- ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىغا ماركا ئىلتىماسى تەستىقلانمىسا بۇنىڭغا تاپشۇرغان ھەق قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئېنىق چۈشەندۈرسىمۇ، بىرقىسىم ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ دەسلەپتە چۈشەنگەن بولۇپ قوشۇلۇپ، نەچچە ئايدىن كىيىن ماركا ئىلتىماسى تەستىقلانمىسا پۇلنى قايتۇرۇڭلا دەپ تەتۈرلۈك قىلىشىدىن ، باشقا ماركا ۋاكالەتچىلىرىگە ياكى باشقىلارغا ئەينى ئەھۋالنى دىمەستىن قارا چاپلاپ يامان گىپىنى قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچان ماركا ۋاكالەتچىلىرى ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار بىلەن بولغان سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ئۈچۈرمەي ئۇزۇن ۋاقىت ياخشى ساقلاپ قويىدۇ ياكى توختام تۈزۈپ ، ھوقۇق-مەجبۇرىيەتنى ئېنىق بىكىتىدۇ.
7- بىرقىسىم ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ كەسىپنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن، مەلۇم ماركىنى تەكشۈرۈپ، ئىلتىماس قىلساق بولىدىكەن ماتىرىيال ۋە ھەق تاپشۇرۇڭ، ئىلتىماسقا يوللايمىز دىسە ھە دەپ قۇيۇپ ئۆزى يوقاپ كىتىپ، بىرەر ئايدىن كىيىن مېنىڭ ماركا ئىلتىماسىمنى يوللىدىڭلىمۇ، نەتىجىسى چىقتىمۇ دىيىشىدىن ماركا ۋاكالەتچىلىرى بىزاربولىدۇ ھەم ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى ماتىرىيال ۋە رەسمىيەت ھەققىنى تاپشۇرمىسا ماركا ئىلتىماسىنى يوللاشقا بولمايدۇ، ماركا ئىدارىسىمۇ ئىلتىماسنى قۇبۇل قىلمايدۇ.
8- ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ماركا توغرىلىق ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇۋېلىپ ياكى باشقىلاردىن چالا-پۇلا ئاڭلىۋېلىپلا، ماركا ۋاكالەتچىسى مەسلىھەت بەرگەندە ئۇلارغا قايتۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ، خەق ماركا ئىلتىماس قىپتىكەن بىر ئايدا تەستىقلىنىپتۇ، دەپ چۈشەنمەيدىغان ئىشلارغا ئالدىراپ ئىشىنىپ كىتىشىدىن، باشقىلار 100 كويغا ماركا ئىلتىماس قىپ بىرىدىكەن، سىلەرنىڭ نىمىشقا قىممەت ..، دىگەندەك ئورۇنسىز سېلىشتۇرۇشلاردىن، ئۆزلىرى بىلىۋالغان ماركا ساۋاتلىرىنى تەكرارلاپ چۈشەندۈرىمەن دەپ ماركا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشىدىن ماركا ۋاكالەتچىلىرى بىزار بولىىدۇ ۋە شۇنداقلارغا يولۇقۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ.
يوقارقىلار بەلكىم ماركا ۋاكالەتچىلىرى ئەنسىرەيدىغان ئىشلارنىڭ بىرقىسمى بولۇشى مۈمكىن. خولاسىلىگەندە، ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ،ھەممە كەسىپنىڭ ئۆزىگە لايىق قائىدە-تۈزۈمى، پىرىنسىپى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى بولىدۇ. ھېچكىمگە ئاسان ئەمەس. ئاسان تاپقان پۇلنىڭمۇ ھامان سورىقى بولىدۇ. ماركا ۋاكالەتچىلىك خىزمىتى قارىماققا ئاددىيدەك قىلغان بىلەن ھەقىقى قول سېلىپ قىلغان ۋە مەسئۇلىيەتچان، ئەستايىدىل كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ كەسىپمۇ ھەرگىز ئاسان ئەمەس.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى: www.marka.cn

ھەمبەھىرلەش